ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان خىتاي تەتقىقاتچى جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى

ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان خىتاي تەتقىقاتچى جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىسى تەن خوڭجىن ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا نېفىت شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد باتارىيە تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
35 ياشلىق خىتاي پۇقراسى تەن خوڭجىن ئامېرىكىدا مەڭگۈ ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ نېفىت شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە شىركەتنىڭ پەن-تېخنىكا مەخپىيەتلىكىگە رۇخسەتسىز ئېرىشكەنلىكى ۋە ئۇنى خىتايغا تەمىنلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن 2018-يىلى 12-ئايدا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇ شىركەتنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد باتارىيە تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغان بولۇپ، بازار قىممىتى بىر مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچى مىنىستىرى جون دېمېرس (John Demers) بۇ ھەقتە توختىلىپ: تەن خوڭجىننىڭ قىلمىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ كەلگەنلىكىدەك رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى تەن خوڭجىنغا كېلەر يىلى 2-ئايدا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، قانچە يىل كېسىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بۇ خەۋەر 568 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2019 16:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق