خىتاي: خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە باياناتى ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بىر تارىخىي ھۆججەت
ب ب س تورىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالدىنقى ئەسىردە خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان «خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە باياناتى»نى «ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بىر تارىخىي ھۆججەت» دەپ ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا خەلقىگە: «خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلار باشقۇرىدۇ، خوڭكوڭنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلمەيدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن. ئەمما خىتاي ھازىر خەلقىئالەم ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.