خىتاينىڭ شىركەت-كارخانىلىرىدا زىيان كۆرۈلۈشكە باشلىدى

خىتاينىڭ شىركەت-كارخانىلىرىدا زىيان كۆرۈلۈشكە باشلىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە خىتاي شىركەت-كارخانىلىرىنىڭ بۇ يىل ئالدىنقى تۆت ئايلىق ئومۇمىي پايدىسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشچە، خىتاي ئورگان تەرەپنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە خىتاي شىركەت-كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى ٪3.4 تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئەمما دۆلەت ئىلكىدىكى نىفىت، تەبىئىي گاز دېگەنگەك ساھەلەر ھۆكۈمەتنىڭ زور سوممىلىق ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن تۆۋەنلەش كۆرۈلمىگەن.
سودا ئۇرۇشى جەريانىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپكە قويغان مۇھىم تەلەپلىرىنىڭ بىرى ئىقتىسادىي ئىسلاھات بولۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا تولۇقلىما ياردىمى بېرىشنى ۋە مونوپۇللۇقنى تۈگىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خىتاي تەرەپ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 838 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2019 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق