خوڭكوڭدىكى نامايىش ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈۋەتتى

خوڭكوڭدىكى نامايىش ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈۋەتتى

ئەنگلىيە مالىيە گېزىتى تورىنىڭ 4-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىش سەۋەبلىك ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئاز كۆرۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارغا مەدەت بەرگەنلىكىنى، خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلەپ: «خوڭكوڭ بولسا خىتاينىڭ مەمۇرىي رايونى، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئەمەس» دەپ تەكىتلىگەن.
ئەنگلىيە تەرەپ بۇنىڭغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار منىسىتىرلىكىنىڭ ۋە دېپلوماتىك ئەمەلدارى سىمون مىكدونالدنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېرېمى خانت بۇندىن بۇرۇن خىتاينىڭ 1984-يىلى ئىمزالانغان «ئەنگلىيە-خىتاي بىرلەشمە باياناتى»غا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا يەنە بۇ چارشەنبە يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، گەرچە نامايىشتا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تىنچ نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ ئەنگلىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزئارا ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
تېرېسا ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، 2018-يىلى باش ۋەزىر تېرېسا خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ھەققىدىكى تەكلىپكە رەسمىي ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 5509 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2019 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق