خىتاي CNN مۇخبىرلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم چەكلىدى

 

8-ماي ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى (CNN) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي CNN مۇخبىرلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم چەكلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، قازاقىستاندىكى دىبا خانىم 2017-يىلى تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن، ئىككى قىزىنى ئېلىپ، قازاقىستاندىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولى ناھىيەسىگە كەتكىنىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ ئەھۋالنى CNN نىڭ مۇخبىرلىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرلار دىبانى يىپ ئۇچى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈشكە بارغان.
خەۋەردە يەنە CNN مۇخبىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغانلىقى، ئۇلار بارغان جايلاردىكى ھەر 50-60 قەدەمدە بىردىن كۆزىتىش كامېراسىنىڭ بارلىقى، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا چىرايى خىتايغا ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى، خىتاي «مەكتەپ» دەپ تەشۋىق قىلغان ئورۇنلاردا تىكەنلىك سىم توسۇق، كۆزىتىش مۇنارى ۋە باشقا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۆرگەنلىكى، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مۇخبىرلار تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا يېقىنلىشىپ بولغۇچە خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارغا «ئېغىزىڭنى يۇمۇش» دەپ بۇيرۇق قىلىپ، ھېچكىمنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان. ھەتتا مۇخبىرلار تۇرپاندىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلىشىپ بولغۇچە، خىتاي ساقچىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى سورىغان ھەمدە ئۇلارنى قولغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

بۇ خەۋەر 1207 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2019 19:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق