موڭغۇلىيە 800 خىتاينى قولغا ئالدى

موڭغۇلىيە 800 خىتاينى قولغا ئالدى

دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، موڭغۇلىيە ساقچى دائىرىلىرى توردا قىمار ئويناش، پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن 800 خىتاينى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
موڭغۇلىيە ساقچى دائىرىلىرى پايتەخت ئۇلانباتوردىكى پۇل يۇيۇشقا قارشى ھەرىكەتتە 800 خىتاينى قولغا ئالغان. تۆت ئورۇندا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە 10 مىڭ يانفون كارتىسى ۋە مىڭ كومپيۇتېرنى مۇسادىرە قىلغان.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغان ئېلىنغان 800 خىتاي تور جىنايەت گۇرۇھىنىڭ شايكىلىرى بولۇپ، مەزكۇر تور جىنايەت گۇرۇھى يەنە قىمار ئويناش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
موڭغۇلىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گېرېل دورجپالام(Gerel Dorjpalam) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز بۇ خىتايلارنى پۇل يۇيۇشقا چېتىشلىق دەپ قارايمىز، بۇ دېلو ھازىر تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئورگان تور بېتىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ موڭغۇلىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ گۇماندارلارنى تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى 8-ئايدا بىر ئايلىق ساياھەت ۋېزىسى بىلەن موڭغۇلىيەگە كىرگەن.
بۇ يىل 8-ئايدا فىلىپپىن دائىرىلىرىمۇ 600 خىتاينى توردا ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغان ئالغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 968 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2019 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق