خىتاي 45 ئورۇندىكى مازارلىقنى بۇزۇۋەتكەن

خىتاي 45 ئورۇندىكى مازارلىقنى بۇزۇۋەتكەن
10-ئۆكتەبىر فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان قەبرىستانلىق مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بىلەن «يەرشارى گۈللىنىش ئىتتىپاقى» (Earthrise Alliance) ناملىق تەشكىلات سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاز دېگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ 45 ئورۇندىكى قەبرىستانلىقىنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەنلىقىنى بايقىغان. پەقەت ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدىلا 30 ئورۇندىكى قەبرىستانلىق تۈزلىۋېتىلگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شايار ناھىيەسىگە تەۋە بىر قەبرىستانلىقنىڭ پۈتۈنلەي بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى، قەبرىستانلىقتا خىش پارچىلىرىدىن باشقا نەرسە قالمىغانلىقىنى كۆرگەن. خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرىدىن شايار ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىر قاسىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقىنى چېقىش ھەرىكىتىنى «مەدەنىيەتلەشتۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش» دېگەن سۆزلەر بىلەن پەردازلىغان.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان «لوندون SOAS ئۇنىۋېرسىتېتى» پىروفېسسورى رېچېل ھارىس(RachelHarris)بۇ ھەقتە توختىلىپ: «قەبرىستانلىق، مەسچىت، چىركاۋلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خىتاي سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. ھاكىمىيەتلەر شۇ ئارقىلىق ئىنسانلار بىلەن تارىخنىڭ باغلىنىشنى، ئىنسانلار بىلەن ئۇلار ئولتۇراقلاشقان زېمىننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ» دېگەن.

 

بۇ خەۋەر 1347 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2019 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق