دوكلات: خىتاي خاككېرلار تىبەت رەھبىرىنى نىشانلىدى

تىبەت مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بىر تور بىخەتەرلىك ئانالىز گۇرۇپپىسى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمى بىلەن مۇناسىۋىتى بار خاككېرلارنىڭ قانداق تاكتىكىنى ئىشلىتىپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋە تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لامانىڭ ئىشخانىسىنى قانداق نىشانلىغانلىقىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىدى.

18-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي تور بىخەتەرلىك شىركىتى ئەنشۈننىڭ 2-ئايدىكى زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خاككېرلار 2018-يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي تىبەتلەر مەمۇرىيىتى (CTA) ئەمەلدارلىرىنىڭ يان تېلېفونىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي خاككېرلىرى توپلىغان زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار بۇ شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئۇچۇرلىرىغا زور بىخەتەرلىك خەۋپى شەكىللەندۈرگەن.

2-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قىلىش ئەھۋالى خىتاي تور جاسۇسلۇقى ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن. ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە شەخسىي شىركەت ئەنشۈننىڭ خېرىدارلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ۋە خىتاي ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار يەنە بۇ خاككېرلار گۇرۇپپىسى قوللانغان قورال ۋە تاكتىكىلار، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ خاككېرلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بەرگەن.

بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېڭى بايقاش خىتاينىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان، باشقا مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ-كۆلەملىك تور جاسۇسلۇق مېخانىزمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1436 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2024 18:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق