خۇنەندە 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرىدە بىر ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 26 كىشى ئۆلگەن. 
خەۋەردە 54 يولۇچى ئولتۇرغان ساياھەت ئاپتوبۇسىغا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوت كېتىپ، ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلاردىن 26 كىشى ئۆلۈپ، 28 كىشى يارىلانغانلىقى، خىتاي ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ ۋەقەدە يارىدار بولماي قۇتۇلۇپ قالغان ئىككى شوپۇرنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 6656 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2019 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق