ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن جازا تاموژنا بېجى ئېلىشنى پىلانلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن جازا تاموژنا بېجى ئېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، گېرمانىيە بۇ پىلانغا قوشۇلمىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز بازىرىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن جازا تاموژنا بېجى ئېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ پىلان گېرمانىيەدە قارشى ئىنكاس قوزغىغان. گېرمانىيە قاتناش مىنىستىرى ۋولكېر ۋىسىڭ خىتايغا جازا تاموژنا بېجى قويۇشنى رەت قىلغان بولۇپ، BMW نىڭ باش دىرېكتورىمۇ جازا تاموژنا بېجى يولغا قويۇشقا قارشى چىققان.

گېرمانىيە قاتناش مىنىستىرى ۋولكېر ۋىسىڭ جازا تاموژنا بېجى ئېلىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە: «بىز دۆلەت ئىچى بازىرىنى چەكلەشنى خالىمايمىز، بەلكى ئۆزئارا رىقابەتلىشىمىز. شۇڭلاشقا گېرمانىيە جازا تاموژنا بېجى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۇرۇش قوزغاشنىڭ ئورنىغا، خەلقئارادا ئادىل ۋە قېلىپلاشقان رىقابەت مۇھىتىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەر شارى سودىسىغا تايىنىدىغان گېرمانىيەگە ئوخشاش دۆلەت ئۈچۈن سودىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «يەرشارى سودىسىغا تايىنىدىغان گېرمانىيە ئۈچۈن سودا ئىنتايىن مۇھىم. بىز دۇنيا ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىمىز، كەلگۈسىدە داۋاملىق شۇنداق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتى جەھەتتە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمىز» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا جازا تاموژنا بېجى قويۇشنى پىلانلاۋاتقان بىر پەيتتە، گېرمانىيە ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپا ئاپتوموبىللىرىدىنمۇ جازا تاموژنا بېجى ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. گېرمانىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دۇنيا بازىرى بولۇپ، ئۇلار سودىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن تاموژنا بېجى قوشۇشقا تەييارلىق قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىزنىڭ ياقتۇرمايدىغىنىمىز خىتاينىڭ زور مىقداردا تولۇقلىما پۇلغا ئېرىشكەن توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ بازىرىمىزغا بۆسۈپ كىرىشى. ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1650 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2024 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق