ئامېرىكا بىلەن خىتاي خوڭكوڭ پورتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي خوڭكوڭ پورتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

4-دېكابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن خىتاي ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى خوڭكوڭ پورتى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك مارك مىللېي بىلەن خىتاي ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك لى زۇچېڭنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.
ئامېرىكا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى پولكوۋنىك دېدې مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئىككى قوماندان ئارىسىدىكى سۆھبەت ئۈنۈملۈك، ئىجابىي بولدى. ئىككى تەرەپ مۇداپىئە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا پۇرسەت ياراتتى. ئىككى قوماندان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن دىئالوگنى پائال داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى».
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى»نى ماقۇللىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىنى مەنئىي قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىككى قوماندان ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى خوڭكوڭ پورتلىرىغا كىرىشىگە يول قويماسلىق ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 10934 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2019 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق