خوڭكوڭدا يەنە 249 كىشى تۇتقۇن قىلىندى

خوڭكوڭدا يەنە 249 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ مەمۇرىي رايونىدا دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى 249 گە يەتكەن.
خەۋەردە، خوڭكوڭ ساقچىلىرى 13 ياشتىن 61 ياشقىچە بولغان جەمئىي 249 كىشىنى قانۇنسىز نامايىش قىلىش، يېنىدا قورال ساقلاش، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، نامايىشلاردا نىقاب تاقاش قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 74 كىشىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ساقچىلار ئېلان قىلغان باياناتتا نامايىشچىلارنىڭ موڭكوك رايونىدا توپلىشىپ، توسۇقلارنى قۇرغانلىقى ۋە ياققان گۈلخانلىرىنى ئۆچۈرمەكچى بولغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئىچى پارتلاتقۇچ ماددىلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئاليۇمىن قەغەز بىلەن ئورالغان سومكا ۋە بىر ئاپتوموبىلنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پارتلىغان تەقدىردە زور ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان بۇنداق ئاپتوموبىل خوڭكوڭدىكى نامايىشتا تۇنجى قېتىم بايقالغان.

بۇ خەۋەر 806 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2019 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق