خىتاي 22 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا قارشى بىلجىرلىدى

خىتاي 22 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا قارشى بىلجىرلىدى

خىتاي 11-ئىيۇل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا 22 دۆلەتنىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغان باياناتىغا قارشى ئۆزىنى ئاقلاپ بىلجىرلىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلاپ: «بىز ئاشۇ دۆلەتلەرنى ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىشقا، بىر تەرەپلىمە گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىققا، ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرىمىز. ئامېرىكا شىنجاڭدىن (شەرقىي تۈركىستاندىن) نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا. ئەمما ئامېرىكا كېلىپ باقمىغان بىر جاي ھەققىدىكى يالغان سۆزلەرگە ئاسان ئىشىنىپ كەتتى» دەپ بىلجىرلىغان ۋە بۇ يالغان سۆزلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالماقچى بولغان، شۇنداقلا چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتمۇ قات خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

بۇ خەۋەر 837 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2019 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق