خىتاينىڭ 2050-يىلى خام خىيالى ۋە شەرقىي تۈركىستان

خىتاينىڭ 2050-يىلى خام خىيالى ۋە شەرقىي تۈركىستان

نىزامېتتىن ئاشقىن 

 

تۈركىيەدە ئىستانبۇلنى مەركەز قىلغان ھالدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان خىتاينىڭ 2050-يىلى خام خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن غەربكە ئېچىلغان بىردىنبىر كارىدور بولغان شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولۇش قەستىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە ئىنتايىن قانلىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

70 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم كۈندىن كۈنىگە ئېغىرلاشماقتا. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمى ۋە ئىنتايىن ئېغىر سىياسىتى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئالىم، ئاكادېمىك ۋە خەلقلەر شېھىت قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى گەرچە مۇشۇنداق ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر، پاجىئەلىك بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بويۇن ئەگمىگەن ھالدا قەتئىيلىك بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

 ئەپسۇسكى، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە شۇنچە ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىدا خىتايغا قارشى يېتەرلىك بىر قارشىلىق ياكى نارازىلىق ھەرىكىتى كۆرۈلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەھۋال ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ يېرىم قىلغان ئەھۋاللاردىن بىرسى بولماقتا.

 

«شەرقىي تۈركىستاننى ئاستا-ئاستا يۇتۇۋېلىشنى پىلانلىدى»

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمى يېڭى باشلانغان بىر ئەھۋال ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان 70 يىلدىن بۇيان داۋاملىق زۇلۇم ئىچىدە ياشىماقتا. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ئاستا-ئاستا پىلانلىق ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇلار خىتاي پۇقرالىرىنى قەدەممۇ قەدەم شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇردى. كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئالىملىرىمىزنى تىرىك پېتىم كۆمۈپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. خەلقىمىزگە رەھبەرلىك قىلالايدىغان كۆپلىگەن سىياسەتچىلىرىمىزنى ئېنىقلاپ چىقىپ، شېھىت قىلدى. 30-40 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان جامائەت ئەربابلىرىمىز، ئاكادېمىكلىرىمىز بار. بۇلاردىن باشقا يەنە خەلقىمىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. پىلانلىق تۇغۇت ۋە پىلانلىق ئائىلە باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. خىتايلار مانا مۇشۇنداق رەزىل سىياسەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى ئاستا-ئاستا يۇتۇۋېلىشنى پىلانلىدى» دېدى.

 

«جازا لاگېرلىرى قۇرۇش پىلانىنى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن باشلىدى»

ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان خىتاي گەرچە يىللاردىن بۇيان شۇنچە زۇلۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان پىلانلىق داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇنىۋالا ئېغىر زۇلۇملىرىغا بويۇن ئەگمىدى. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كەلدى. خىتاي چېگراسىغا يېقىن جايلاردا ياشاۋاتقانلىرىمىز ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇق. پايتەخت ئۈرۈمچى ئەڭ ئېغىر ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىغان رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر بىر رايوننىڭ ئۆزىنىڭ ئاھالىسىنىڭ نوپۇسى 18%كە چۈشكەن بولسا، ئۇ رايون ئېنىقلا خىتايغا ئايلانغان بولىدۇ. گەرچە ئۈرۈمچى خەلقى مۇشۇنداق بولۇپ قالغان بولسىمۇ، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا ناھايىتى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ قىرغىنچىلىقتا ئون مىڭلىغان خەلقىمىز شېھىت بولغان بولسا، يەنە ئون مىڭلىغان ياشلىرىمىز ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئۈرۈمچىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق جەريانىدا ناھايىتى قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلگەن خىتاي دائىرلىرى: 70 يىلدىن بۇيان سىستېمىلىق يۈرگۈزگەن زۇلۇم بۇلارغا تەسىر قىلماپتۇ، بۇلار يەنە بىزگە قارشى چىقالايدىكەن، دەپ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، شەرقىي تۈركىستاننى تامامەن يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن خەلقىمىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش قەدىمىنى تېزلەتتى. بىز زۇلۇمنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە ئېغىرلاشقان 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ ناھايىتى چوڭ تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق. بىزنىڭ قولىمىزدا جازا لاگېرلىرىنىڭ 2009-يىلىدىن كېيىن سېلىنىشقا باشلىغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار بار. خىتاي دائىرىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن تەكلىماكان چۆلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىگىچە، خىتاينىڭ ئىچكىرى زېمىنلىرىدا، ھەتتا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى».

 

«خىتاينىڭ 2050-يىلى خام خىيالى»

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ مەقسىتىنى ياخشى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. خىتاي ئومۇمىيۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ھەممىلا جايدا كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىنى سېلىشقا باشلىغاندا، خىتاينىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمىگەن ئىدى. بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرگەن ۋاقتىمىزدا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق سىياسەتلىرى، ئىسلام دىنىغا قارشى ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا قىلىۋاتقان بارلىق دۈشمەنلىك قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، بىزنى يالغانچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. ئۇلار ھېچ نومۇس قىلماستىن: ئۇ جايدا ناھايىتى رادىكال بىر گۇرۇپپا ئىنسانلار بار. بىز پەقەتلا ئۇلارغا قارشى تەدبىر قوللىنىۋاتىمىز، دەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇڭا خىتاي پىسخولوگىيە جەھەتتىن بىر خىل قورقۇنچ ئىچىدە. شى جىنپىڭ بۇ قورقۇنچتىن قۇتۇلالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شى جىنپىڭ ئىككىنچى قېتىم باشلىق بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن: 2050-يىلى خىتاي پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولىدۇ، دۇنيادا تەڭداشسىز كۈچلۈك دۆلەت بولىدۇ، دەپ، ئۆزىنىڭ 2050-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خام خىيالىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

 

«خىتاينىڭ 2050-يىلى پىلانى جەريانىدا 40 مىليون مۇسۇلمان يوقىلىش تەھدىتى ئاستىدا»

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان: «خىتاي ئۆز ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى يوقاتتى. شەرقىي تۈركىستان بولسا خىتاي ئۈچۈن سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشسە، خىتاينىڭ 2050-يىلى خام خىيالى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. خىتاي شۇنىڭ ئۈچۈن توققۇز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان، خىتاينىڭ تاشقى دۇنياغا، غەربكە ئېچىلىدىغان بىردىنبىر كارىدورىغا ئىگە شەرقىي تۈركىستاندىن ۋاز كەچمەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستان يىپەك يولىنىڭ ئومۇرتقىسى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، ئىشغال قىلىنغان دۆلەتتۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىشغال قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن «يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان زېمىن» دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان «شىنجاڭ» دەپ ئىسىم قويغان. خىتاي ئۆزىنىڭ بىر ئىشغالىيەتچى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى دەپ ھېسابلايدىغان، شۇنداقلا ئەگەر تاشقى دۇنيادىن ياردەمگە ئېرىشەلىسە ئۆزلىرىگە قارشى چىقىش ئېھتىمالى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆزلىرىنىڭ 2050-يىلى پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دەپ قاراپ تېزلىكتە پىلان تۈزۈشكە باشلىدى. ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ 40 مىليون نوپۇسقا ئىگە مۇسۇلمان خەلقى خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئاستىدا يوقىلىش تەھتىدىگە دۇچ كەلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

 

«بىزگە كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئالتە مىليونغا يېقىن كىشى بار»

قەشقەردەك بىر تارىخىي شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا ئادەم قالمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋىدېئولارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئوغۇزخان: «لاگېرلاردىن چىققان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن كەچۈرمىشلىرى بار. خىتاي يىغىنلىرىدا: بىز 2050-يىلى پىلانىغا يېتىشىمىز لازىم. خىتاي دۇنياغا خوجا بولۇپ، تەڭداشسىز چوڭ كۈچكە ئايلىنىدۇ. شۇڭا بىز بۇ زېمىندا قالايمىقانچىلىق چىقىشىنى خالىمايمىز. يا خىتاي مىللىتى بولۇپ ياشايسەن ياكى ئۆلۈپ تۈگەيسەن، دەپ مەقسىتىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىزدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئالتە مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ قاماقلىق ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا بولسا جازا لاگېرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەخمىنەن ئېيتىلىۋاتقان سانلار. ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئادەملەر كۆپ شەھەر كوچىلىرىدا ئادەم قالمىغاچقا چۆلدەرەپ قالغان. بىز چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ۋىدىئولىرىدىن ئادەمسىز قالغان شەھەرلەرگە قاراپ ھەيرانلىقتىن: بۇ شەھەردىكى ئادەملەر قېنى؟ دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھەتتا قەشقەردەك بىر تارىخىي شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا ئادەم قالمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋىدىئولار بار».

 

ئىسلامنى ئەسلىتىدىغان ھەممە نەرسە چەكلەنگەن

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «خىتاي كېيىنكى ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىدى. ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى چەكلىدى. يەنى 40 مىليون مۇسۇلمان بار بولسىمۇ، ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسە چەكلەندى. مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇش ئىمكانىيتى پەقەتلا يوق. ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە پەقەتلا چوڭ مەسچىتلەردىن بىرەرسىنى سموۋول خاراكتېرلىك ئوچۇق قويۇپ قويغان. بۇ مەسچىتلەرمۇ گويا مۇزېيغا ئوخشاپ قالغان.

خىتاي ئۆزى تەكلىپ قىلىپ ئاپارغان ھەيئەتلەرنىڭ قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ناماز ئوقۇۋېلىش تەلىپىگىمۇ جاۋاب بەرگىلى ئۇنىماي تۇرۇۋالغان. چۈنكى ئوچۇق مەسچىتلەر پەقەتلا چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋە مۇخبىرلارنى ئالداش، قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئوچۇق قويۇلغان بولۇپ، ناماز ئوقۇش تامامەن چەكلەنگەن. ياغلىق ۋە ئۇزۇن كۆڭلەك قاتارلىقلار چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئاياللىرىمىز ئۆيدىن سىرتقا چىقالمايدۇ. مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشەلمىگىلى نەچچە يىللار بولدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى پەقەتلا بىلمەيمەن. بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئېرىشكەن ۋىدېئو ۋە خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار نومۇس دەردىدە ئۆيلىرىدىن چىقالمايۋاتىدۇ. بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن كوچىلار جىمجىت بولۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. ئۆيلەردە قۇرئان كەرىم، ھەدىس دېگەندەك دىنىي كىتابلارنى ساقلاش چەكلەنگەن. مەككە، مەدىنە قاتارلىق جايلارنىڭ رەسىملىرىمۇ چەكلەنگەن بولۇپ، بىر يېرىم يىل بۇرۇن ھەممىنى يىغىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. مانا بۇ ئەھۋاللارغا ئىسلام دۇنياسى جاۋابكار بولۇشى كېرەك» دېدى.

 

«40 مىليون كىشى يوقىلىش گىردابىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ»

ئوغۇزخان خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىسلام دۇنياسىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ: «خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارا ھالدا: بۇ زېمىندا ئىسلام دىنىغا ئورۇن يوق. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەمەس، بۇ دىننى ئەرەب ۋە تۈركلەر كېيىنكى ۋاقىتتا مەجبۇرىي ھالدا قوبۇل قىلغان، دېمەكتە. بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى توغرا قىلمايۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دۈشمەنلىكلىرىگە قارىتا سۈكۈت قىلىشماقتا. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچرىغان قىسمىدۇر. پەلەستىن، كەشمىر ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم پارچىسىدۇر. بولۇپمۇ قۇددۇس ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئەمما ئۇچرىغان زۇلۇمنى ئۆلچەيدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم پەلەستىن بىلەن كەشمىردىكى زۇلۇمدىن ئون ھەسسە ئېغىر. چۈنكى ھېچقانداق كۈچى ۋە ھوقۇقى بولمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايدىن ئىبارەت تامامەن ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىغان، كوممۇنىست پارتىيەدىن ئىبارەت بىرلا پارتىيە تەرىپىدىن خالىغانچە باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت تەرىپىدىن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېزىلمەكتە. بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى بولسا مانا مۇشۇنداق ئېغىر زۇلۇمغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زېمىندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى باشقا ھەرقانداق جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئالاھىدە ئېغىر ۋە بەكمۇ قورقۇنچلۇق بولماقتا. خىتاينىڭ 40 مىليون مۇسۇلماننى تولۇق يوقىتىش پىلانىنىڭ باشلىنىشى ۋە بۇ پىلاننىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىجرا قىلىنىپ بولۇنغانلىقى بىزنى ھەقىقەتەن قورقۇتماقتا».

 

«مەسچىتلەر ئېغىلغا ۋە مەيخانىلارغا ئايلاندى»

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستاندىكى 30 مىڭ مەسچىتتىن ئالتە مىڭىنىڭ تامامەن چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «كۆپلىگەن مەسچىتلەر ئېغىلغا ئايلاندۇرۇلدى. يەنە نەقىش ئىشلىنىپ زىننەتلەنگەن كۆپلىگەن مەسچىتلەر بولسا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە مەيخانىلارغا ئايلاندۇرۇلدى. لاگېرلاردىكى بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغان ئىنسانلارنى ئىنتايىن قاتتىق قىينىغانلىقى ئۈچۈن ھەتتا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېيىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى. ئەگەر خىتاي ئۆزى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن ھەيئەتتىكىلەر سالام بېرىپ قالسا ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ جاۋابمۇ قايتۇرالمايدۇ. بۇ سالامنىڭ ئورنىغا خىتايچە ياخشىمۇسىز (ni hao) دەپ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر. خىتايدىن ھەر جەھەتتە يىراق بولغان قەشقەر، خوتەندەك شەھەر-ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا ئۆزگەرتىلمەكتە. ئەگەر خىتاينىڭ قولىدىن كەلسە ئۆزىنىڭ روھى بىلەن قېنىنىمۇ بىزنىڭكىگە ئالماشتۇرغۇدەك ھالغا كەلدى. يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدىكى ئەھۋال بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقى تامامەن ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي تۇرۇۋېلىپ، بېشىغا كەلگەننى كۆرۈشكە مەجبۇر بولماقتا. دۇنيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرى مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالغىمۇ سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرسا، ئۇلار قاچان ئەقلىگە كېلىپ ئۇيقۇسىنى ئاچىدۇ؟ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، دۇنيادىكى بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگە ۋەزىپە يۈكلىنىدۇ» دېدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 23057 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق