نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى

30-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالىرى ۋە جەمئىيەت يېتىشتۈرۈپ كېلىۋاتقان 20 ئۇيغۇر ئۆسمۈردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئالىي مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى رەشىدە يۈكسەل خانىمنىڭ ھەمراھلىقىدا، تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيە تاشقى ئىشلار پارلامېنت ئەزاسى زافەر سىرا كايا ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى. كايا ئەپەندى ئۆمەكنى قىزغىن كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە ئۇلارغا سوۋغات تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە، پارلامېنت بىناسىنىڭ بارلىق بۆلۈملىرىنى زىيارەت قىلدۇردى.

پارلامېنت بىناسىنىڭ زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەشىدە يۈكسەل خانىمنىڭ ھەمراھلىقىدا پىرېزىدېنتلىق سارىيىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، پىرېزىدېنتلىق سارىيىدىكى بارلىق ئىشخانا، ئىچكى كابىنېت بۆلۈملىرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى رەھبەرلەرنى كۈتۈۋېلىش زاللىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق تېخنىكىلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇردى. ئاخىرىدا مېھمانلارغا پىرېزىدېنتلىق سارىيى رەئىسى تەرىپىدىن سوۋغات تەقدىم قىلىندى.

ھەيئەت مەشھۇر مىللەت كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرە مەركىزى كۈلتۈر ئۆيىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1864 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2024 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق