ھىندونېزىيە تۈرمىسىدىن 154 مەھبۇس قېچىپ كەتكەن


ھىندونېزىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ئانتارانىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسىدىكى بىر تۈرمىدىن 154 مەھبۇس قېچىپ كەتكەن.
خەۋەردە سۇماترا ئۆلكىسىدىكى لاڭكات تۈرمىسىدىكى تەكشۈرۈشتە بىر مەھبۇسنىڭ يېنىدىن زەھەرلىك چېكىملىك بايقالغانلىقى، باشقا مەھبۇسلارنىڭمۇ ۋەقەگە ئارىلىشىپ، بىناغا ئوت قويۇۋەتكەنلىكى، ئوت ئاپىتى ۋە مالىمانچىلىقتىن پايدىلانغان 154 مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەھبۇسلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇتۇلغان بولسىمۇ، بىراق 51 مەھبۇسنىڭ ئىز-دېرىكىنى بولمىغان بولۇپ، ئىز قوغلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1770 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2019 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق