خىتاي پەلەستىن بىلەن 15 مىليون دوللارلىق ياردەم پىلانى كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي پەلەستىن بىلەن 15 مىليون دوللارلىق ياردەم پىلانى كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى تورىنىڭ  31-ئاۋغۇستتىكى خەۋرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي پەلەستىن بىلەن 15 مىليون دوللارلىق ياردەم پىلانى كېلىشىمى ئىمزالىغان.
پەلەستىن مىنىستىرلار كېڭىشى باش كاتىپى ئەمجەد غەنىم خىتاي باش ئەلچىسى گوۋېي بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان بولۇپ، ياردەم پۇللىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە كەمبەغەللەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمجەد غەنىم بۇ ياردەم پىلانىنىڭ دەل ۋاقتىدا بولغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىشىمىز ئەمەس، شۇنداقلا ئاخىرقىسىمۇ ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
خىتاي باش ئەلچىسى گوۋېيمۇ خىتاينىڭ تاكى پەلەستىن ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرگۈچە پەن-تېخنىكا جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپلىگەن ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەلەستىن يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن ئىزچىل يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ ب د ت غا مەكتۇپ سۇنۇشى، شۇنداقلا نەچچە كۈن بۇرۇن ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

بۇ خەۋەر 828 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2019 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق