پاكىستاندىكى بومبىلىق ھۇجۇمدا بەش خىتاي ئۆلدى

خىتاي ئىنژېنېر ۋە ئىشچىلار پاكىستاندا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا بەش خىتاي ئۆلدى.

ئەلجەزىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-مارت بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ماشىنىسىنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توسما قۇرۇلۇشىغا كېتىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلارنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە سوققان بولۇپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي، بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەن. بۇ، بىر ھەپتە ئىچىدە پاكىستاندىكى خىتاي مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئالاقىدار ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ قالغان.

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدا پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىگە جايلاشقان ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پورت شەھىرى نىشانغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر رايوندىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە مىليارد دوللارلاپ مەبلەغ سالغان.

رايونلۇق ساقچىلارنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان قۇرۇلۇش ئەترىتى خادىملىرى ئىسلامئابادتىن خەيبەر پاختۇنخۋا ۋىلايىتىدىكى داسۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توسما قۇرۇلۇش ئورنىغا قاراپ يولغا چىققان. ھۇجۇمدا بەش خىتاي ۋە ئۇلارنىڭ پاكىستانلىق شوپۇرى ئۆلگەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆلگەن بەش خىتاينىڭ تۆتى قۇرۇلۇش ئىشچىسى، بىرى ئىنژېنېر ئىكەن. ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى شاڭلا ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر تاغ يولىدا يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مىڭلىغان خىتاي يەرلىكتىكى خىتاي مەبلەغ سالغان تۈرلەردە ئىشلەيدىكەن.

داسۇ رايونىدا ئىلگىرىمۇ ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، 2021-يىلى خىتايلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توققۇز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم ئۆلگەنىدى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ پورت شەھىرى گىۋادار رايونىغا ھۇجۇم قىلغان يەتتە قوراللىقنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن بولۇپ، خىتاي بۇ رايوندا مۇھىم مەبلەغ تۈرلىرىنى يولغا قويغان.

خىتاي ئىنژېنېرلىرى پاكىستاندىكى بىر قانچە قۇرۇلۇش تۈردە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈرلەر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، خىتاي ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە 65 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، پاكىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پاكىستاندىكى خىتايلارنىڭ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىستاندىكى خىتايلار ۋە شىركەتلەرنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1536 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2024 13:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق