خوتەن شەھىرىدە 130 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خوتەن شەھىرىدە 130 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

شاۋ فەمىلىلىك بىر خىتاي ۋە باشقا پىدائىيلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە تۆت جازا لاگېرىنىڭ بارلىقىنى، لاگېرغا 130 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، شاۋ فەمىلىلىك خىتاي ئېنىقلاپ چىققان ئىككى جازا لاگېرىغا باشقا پىدائىيلار ئېنىقلاپ چىققان جازا لاگېرلىرىنى قوشقاندا خوتەن شەھىرىدە تۆت ئورۇندا جازا لاگېرى ۋە قاماقخانىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ قاماقخانا بىلەن جازا لاگېرلىرىدا 5500 ئەتراپىدا كامېر بار ئىكەن.
خىتاي كوممۇنىستلىرى 2017-يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 320 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ سان بويىچە ھېسابلىغاندا خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق نوپۇسنىڭ %40ى تۇتقۇن قىلىنغان. كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى، بۇنچىلىك زور كۆلەمدىكى تۇتقۇنلار ئىچىگە ھۆكۈم چىقىرىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەنلەر، بالىلار لاگېرىدىكى ئۆسمۈرلەر، تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەر، يوقاپ كەتكەنلەر، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلەرنىڭ سانى قوشۇلمىغان.
1-، 2-سۈرەتتىكىسى خوتەن ئايرودرومىنىڭ ئەتراپىغا سېلىنغان قاماقخانا ۋە جازا لاگېرى بولۇپ، كۆلىمى 300 گېكتار كېلىدۇ. لاگېرنىڭ قورشاۋ تېمىدا توققۇز كۆزىتىش مۇنارى بار

 

بولۇپ، 1300 ئەتراپىدا كامېر بار. بۇنىڭغا يېنىدا كۆرۈنگەن ئوخشاش كۆلەمدىكى بوش يەرگە يېڭى بىر قاماقخانا سېلىنىشقا باشلىغان.

3-، 4-سۈرەتتىكىسى خوتەن شەھەر ئىچىدىكى كونا قاماقخانا بولۇپ، بۇنىڭ كۆلىمى 10 گېكتار كېلىدۇ.

شاۋ فەمىلىلىك خىتاي ئاشكارىلىغان جازا لاگېرى بىلەن قاماقخانا 5- ۋە 6-سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خوتەن شەھەر لاسكۇي بازىرىغا جايلاشقان. بۇ لاگېرنىڭ بىر تەرىپىدە قاماقخانا

بار بولۇپ، ئىچىدە 1800دىن ئارتۇق كامېر بار، ئۇنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 500 گېكتار كېلىدىكەن.

7- ۋە 8-سۈرەتتە كۆرسىتىلگىنى خوتەن شەھىرىگە يانداش ئاقىدىغان يورۇڭقاش دەرياسى بويىغا سېلىنغان جازا لاگېرى بولۇپ، 2100 ئەتراپىدا كامېر بار. كۆلىمى تەخمىنەن 450 گېكتار كېلىدىكەن.

 




 

 

بۇ خەۋەر 1573 قېتىم كۆرۈلدى
03/07/2019 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق