خىتاي 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا قارا چاپلىماقچى بولدى

خىتاي 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا قارا چاپلىماقچى بولدى

خىتاي ۋاقىت تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى خوڭكوڭ بۆلۈمى» 9-سېنتەبىر فېيسبۇك ئورگان سەھىپىسىدە يازما يوللاپ، بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ 11-سېنتەبىر خوڭكوڭدا تېررورلۇق ھەرىكىتى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر يازمىغا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىكى پارتلىغان بىنانىڭ سۈرىتى قىستۇرۇلغان بولۇپ، مەلۇم تېلېگرام توپىدىكى سۆزلىشىش خاتىرىسى كۆرسىتىلگەن ۋە بىر بۆلۈك «ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇنسۇرلار»نىڭ 11-سېنتەبىر خوڭكوڭدا تېررورلۇق ۋەقەسى پىلانلىغانلىقىنى، خوڭكوڭلۇقلاردىن باشقا خىتايلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا گاز تۇرۇبىلىرىنى پارتلىتىش ۋە تاغلىق رايونلارغا ئوت قويۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما بىر قىسىم تور ئەھلى مەزكۇر سۆزلىشىش خاتىرىسىنىڭ قارىماققا گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، ياساپ چىقىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭ نامايىشى باشلانغاندىن بۇيان ئۆز خادىملىرىنى پۇقراچە كىيىندۈرۈپ، نامايىشنى قالايمىقان قىلىش، مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئوت قويۇش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان 11-سېنتەبىر يېتىپ كېلىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى بۇ كۈننى سۇيىئېستىمال قىلىپ، يالغان خەۋەر ئارقىلىق خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكچى بولغان.

بۇ خەۋەر 802 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2019 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق