يىللىق دوكلات: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ دۈشەنبە 2023-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22-ئاپرېل 2023-يىللىق «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەمەلىيىتى دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى تىلغا ئالغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 22-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز ئىنسانىي ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنىڭ دۇنيانىڭ تېخىمۇ كۆپ جايلىرىدا بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋاتىمىز» دېگەن. بىلىنكېن سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى داۋاملىق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئالاقىدار بۆلىكىدە: «خىتايدا بۇ بىر يىل ئىچىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەت خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى داۋاملىق يۈز بەردى»، «2017-يىلىدىن بېرى خىتاي ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان مىللەت ئەزالىرى ئىچىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى خالىغانچە قولغا ئېلىپ، سوت قىلماي جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولىدى» دېيىلگەن ۋە شۇنداقلا ئومۇمىي سانى ئېنىق بولمىغان زور تۈركۈمدىكى خەلقنىڭ كۈندۈزى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلىنىش»كە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ 2023-يىلى خوڭكوڭدا خەلقنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن داۋاملىق مەھرۇم قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر دوكلاتتا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۈپىتىدە خىتاي رېجىمىنىڭ قانۇنسىز ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش، خەلقنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىككە خالىغانچە ئارىلىشىش، پىكىر ئەركىنلىكىگە چەك قويۇش، مېدىيا، تور ئەركىنلىكى، تىنچ يىغىلىش ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى، كۆچۈش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەش، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق جىنايەتلىرى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر يىللىق دوكلاتىدا يەتتە چوڭ ساھە بويىچە، دۇنيادىكى 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىكى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. بۇ يەتتە ساھە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت، پۇقراۋى ئەركىنلىك، سىياسىيغا قاتنىشىش ئەركىنلىكى، ھۆكۈمەت چىرىكلىكى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىق، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، كەمسىتىش ۋە ئىجتىمائىي زۇلۇم، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەكشۈرۈشكە تۇتقان پوزىتسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىلىنكېن 24-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى روبېرت گىلچرىست بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىلىنكېننىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى خىتايغا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ۋە ئەڭ ئېنىق تەرىقىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1124 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2024 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق