خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستان خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئىسلامئابادتا ئېچىلغان يىغىلىشتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.

خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئورگان تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى 18-ماي ئىسلامئابادتا ئاتالمىش «پاكىستاننىڭ نەزىرىدىن شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە قاراش» ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئاچقان. يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي ئەلچىسى شى يۈەنچياڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنىنى چەكلەش، باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا، كۆز بوياشقا ئۇرۇنغان.

ئۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختىلىپ: «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تولۇق دىنىي ئەركىنلىكى بار، شىنجاڭدا 24 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار بولۇپ، مۇسۇلمانلار دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولماقتا. شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج ۋە ئۆمرىگە بارىدىغان ئەسلىھەلىرى بار. شىنجاڭ ھەققىدە تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاساسى يوق» دەپ بىلجىرلىغان.

پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەرخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن خىتاي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ناسىرخان، ئەزىمجان قاتارلىقلارنىڭمۇ بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ماس ھالدا: «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ھالبۇكى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بۇ يىل 7-مارت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خىتاي سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش مۇقەررەر يۈزلىنىش» دەپ بىلجىرلىغانىدى. ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان بۇ جاۋابى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغانىدى.

خىتاي يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار بارلىق ئىبادەت، پائالىيەتلەرنى قاتتىق چەكلەپ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى قاتتىق جازالاپ زىيانكەشلىك قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقتا، جۈملىدىن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ پىلانغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن، ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. تەشۋىقات ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇلغان ئاز بىر قىسىم مەسچىتلەردىمۇ ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن.

خىتاي يەنە بۇلتۇر 8-ئايدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، قۇرئاننى قايتىدىن تەرجىمە قىلىش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق رەزىل پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1602 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2024 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق