خىتاي 10 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى مەجبۇرىي كۆچۈردى

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇۋانى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 8-مايدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى 10 مىڭ ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىنى ئەسلى تۇرالغۇ جايلىرىدىن يۆتكىگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇش نامىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، چەت يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشتۇرغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەدىمى ئۇسلۇپتا سېلىنغان ئۆي ۋە مەھەللىلىرىنى مەجبۇرى چاققانلىقىنى، بۇ قېتىم خىتاينىڭ يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھويلا-ئارام ، بىناكارلىق مەدەنىيىتىنى كۆزدىن يوقىتىش مەقسىتىدە 10 مىڭ كىشىنى بىنا ئۆيلەرگە يۆتكەشنى پىلانلانغانلىقىنى، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق خەلق جازا لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ يېزا-قىشلاقتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1515 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2019 19:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق