خەلقىم ئۈچۈن ھىجرەت قىلدىم

خەلقىم ئۈچۈن ھىجرەت قىلدىم

10-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان يېڭى ئۇچۇرلارىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئىككى ياش «مەن قازاق خەلقىم ئۈچۈن قېچىپ چىقتىم» دېگەن.
ئىككى ياش شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش قىلمىشىدىن قېچىپ، قازاقىستانغا ھىجرەت قىلغان.
ئۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاندىكى دوستلىرى ۋە تونۇشلىرىنىڭ «نېمە ئۈچۈن قېچىپ كەلدىڭلار؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاينىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى دەپ قېچىپ چىقتۇق» دەپ ئاددىي جاۋاب بەرگەن. ئۇلارنىڭ بىرى: «ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىپسىز. ئائىلىڭىز، ئايالىڭىز ۋە پەرزەنتلىرىڭىزنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۆزۈمنى ئويلاپ قېچىپ چىقمىدىم. ئائىلەم، ئايالىم ۋە پەرزەنتلىرىمنى شۇنداقلا قازاق خەلقىمنى ئويلاپ ھىجرەت قىلدىم» دەپ جاۋاب بېرىپ، ھىجرەت ئىبادىتىدىكى مۇھىم مەقسەتلەرنىڭ بىرى بولغان زۇلۇمدا قالغان ئائىلە، پەرزەنت ۋە خەلقىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك غايىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ چەتئەلگە ھىجرەت قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئەنە شۇ ياشلاردەك ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىدىغانلار كۆپ بولغان بولسا، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاللىبۇرۇن مۇھاجىرلىق، ۋەتەنسىزلىق ھاياتىغا خاتىمە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا بەختلىك ياشىغان بولاتتى، دېيىشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1147 قېتىم كۆرۈلدى
11/10/2019 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق