يىغىنغا تەكلىپ

يىغىنغا تەكلىپ 
«خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر» دېگەن تېمىلاردا يىغىن ئېچىلىدۇ . بۇ يىغىندا خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان ۋە خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگ ئالدانماستىن، جازا لاگېرلىرىنى «دوزاخنىڭ نەق ئۆزى» دەپ باھا بەرگەن ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى، مۇخبىر دوكتور ئولسى يازېجى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ. 
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ناسا ئالەم قاتناش مەركىزى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات قاتارلىقلار سۆز قىلىدۇ.
بارلىق قېرىنداشلارنى بۇ مۇھىم يىغىنغا ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز. 
ھۆرمەت بىلەن: ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان 
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، سائەت 19:00
ئورنى: كايا مېھمانخانىسى يىغىن زالى، Kaya İstanbul Fair & Convention Hotel
Gökevler Mah. 2317. Sk. No:1 Esenyurt / İstanbul

بۇ خەۋەر 1979 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2019 10:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق