خېنە يېقىلغان قىز مىلتىقى

خېنە يېقىلغان قىز مىلتىقى

(تەرجىمە ئەسەر)

 بەزىدە شېھىتلىكتىنمۇ بەك پىداكارلىق تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋاللار بار.

 سىز ئوقۇماقچى بولغان بۇ ۋەقە ھەقىقىي يۈز بەرگەن بىر تىراگېدىيەدۇر.

 ئازاب ئوسمان ئانتەپ (ئانتەپ-غازىئانتەپ، تۈركىيەنىڭ بىر ۋىلايىتى) مۇداپىئەسىنىڭ قەھرىمان يىگىتلىرىدىن بىرىدۇر.

ئۇ يىللاردا ئانتەپ فىرانسىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولۇپ، شەھەردىكى كىمگە چېقىلساڭ، گويا پارتلاپ كېتىدىغان دورىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. فىرانسۇزلار ئانتەپنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئايال، كىچىك بالا، قېرى-ئاجىز دېمەستىن ئەرمىنىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئالدىغا چىققانلىكى خەلقنى ئۆلتۈرەتتى. كوچىلاردا پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان پارتلاش ئاۋازىغا كىشىلەرنىڭ داد-پەريادى قوشۇلۇپ كېتەتتى.

ئانتەپ شەھىرىدە قورال-ياراغ دۇكىنى ئاچىدىغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ دۇكىنىغا غەزەپتىن مۇشتۇمىنى تۆمۈردەك تۈگۈۋالغان بىر كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇ ئادەم يۈسۈپكە: «تاغا، ئىسمىم ئوسمان. يېزىدىكىلەر مېنى «ئازاب ئوسمان» دەپ ئاتايدۇ. يەنى مېنىڭ ھاياتىم كىشىلەر دېگەندەك ئىنتايىن ئازابلىق ھەم جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتىدۇ. مېنىڭ يەنە بىر كەسپىم ئوۋچىلىق. دۈشمەن، كىچىك بالا، ئايال، قېرى-ياش دېمەستىن ئالدىغا ئۇچرىغاننى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. ماڭا بىر مىلتىق لازىم. ئەگەر قولۇمدا بىر مىلتىق بولسا، مەن ئۇستا بىر ئوۋچى. ئالدىمغا ئۇچرىغان، كۆزۈم كۆرگەنلا دۈشمەننى يەر چىشلىتىمەن. ئەمما گەپنىڭ بېشىدا دەي، مېنىڭ يانچۇقۇمدا پەقەتلا پۇلۇم يوق».

 يۈسۈپ ئالدىدىكى تىك تۇرغان ئادەمگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ قالدى ۋە بوغۇزىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، خېلە ئۇزۇنغىچە گەپ قىلالمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا ھەقىقەتەن بىرەر مىلتىق چاغلىق نەرسىمۇ قالمىغان بولۇپ، قولىدىكى بار قوراللارنىڭ ھەممىسىنى پارتىزانلارغا تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىرەر مىلتىق تېپىشنىڭ ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. يۈسۈپ خىيالدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئوسمان قورال-ياراغ دۇكىنىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.

ئازاب ئوسمان قورال- ياراغ دۇكىنىدىن چىقىپ يولدا كېتىۋاتاتتى. ئۇ كېتىۋاتقاچ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى: «دۈشمەن بومبا ياغدۇرىدۇ، بۇلاپ-تالايدۇ، مەن بولسام يوللاردا چېچىلىپ ياتقان جەسەتلەر بىلەن ياشايمەن... بۇنداق بولماسلىقى كېرەك، بۇنداق كېتىۋېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ، چوقۇم قورال تېپىشىم كېرەك». ئۇ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچىدە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئەمما قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىدە ساتاي دېسە، پۇلغا يارايدىغان ھېچنىمىسى يوق ئىدى. ئۇ پۈتۈن دەردىنى ئايالىغا تۆكتى: «شەھەردە دۈشمەن، ھەممە جايدا پارتلاش، بۇلاپ-تالاش، ئۆلۈم. بۇنداق ياشاۋېرىشكە بولمايدۇ، چوقۇم قورال تېپىشىم كېرەك!».

ئازاب ئوسمان ئويلىنىپ ئاخىرى بىر ئامال تاپتى. ئەمما ئۇنىڭ تاپقىنى ئامالمۇ ياكى ئامالسىزلىقمۇ، ئۇنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ تاپقان ئامالىنى ئايالىغا چۈشەندۈرگەندە، ئايالىنىڭ كۆزى ياشقا تولدى. خۇددى گېلىغا ئاچچىق بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، يۈرىكى ئۆرتىنىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭمۇ دەيدىغان سۆزى ياكى باشقا ئامالى يوق ئىدى. ئايال دەرھال سۇ ئىسسىتتى ۋە سىرتتا ئويناۋاتقان قىزى ئايشەنى چاقىردى. ئايال قىزىنى مەھكەم قۇچاقلاپ، باغرىغا باسقاندىن كېيىن يۇيۇپ تارىدى، تىرناقلىرىغا خېنە ياقتى. كەچتە قىزىنى قۇچاقلاپ، پۇراپ باغرىغا بېسىپ ياتتى. ئەتىگەندە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگەندىن كېيىن: «جېنىم قىزىم، داداڭ سېنى ئايلاندۇرۇپ كەلمەكچى، داداڭنىڭ سۆزىدىن ھەرگىز چىقمىغىن» دېگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئانىنىڭ تىلى گەپكە كەلمەي قالدى. بۇ ۋاقىتتا ئانا ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ھاياتلىق توختىغان بولۇپ، ئۇ گويا قېتىپ قالغاندەك ئىدى.

 ئازاب ئوسمان قورال-ياراغ دۇكىنىدىن چىقىپ، ئارىدىن دەل 15 كۈن ئۆتكەن كۈنى يەنە پەيدا بولدى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ يۈزىدە كۈلكە جىلۋە قىلاتتى. ئۇ:

- يۈسۈپ ئۇستا، قورال دېدىم، يوق دېدىڭ. مەن قورال تاپتىم، ئەمما ئوق ئېلىشقا پۇلۇم يەتمىدى. قورالنىغۇ بەرمىدىڭ، ئەمدى ھېچبولمىسا ئوقنى بولسىمۇ بەرگىن، - دېدى. يۈسۈپ ئۇستا ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي:

- ئۇ مىلتىقنى نەدىن تاپتىڭ؟ - دېدى. ئازاب ئوسمان:

- بۇ بىر ئۇزۇن ھېكايە، - دەپ جاۋاب بەردى. يۈسۈپ ئۇستا:

- بولىدۇ، ئوق مەندىن بولسۇن. ئەمما سەن مىلتىقنى نەدىن تاپتىڭ؟ سەن شۇ قورالنى قانداق تاپقانلىقىڭنى بىر دېگىنە، - دېدى. ئوسمان ئۆزىنى تىڭشاپ، بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلۇغ كىچىك تىنېۋېتىپ، بىرخىل ئۆكۈنۈش ۋە خىجىللىق تۇيغۇسى ئىچىدە، بولغان ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

- دۈشمەنلەرنىڭ شەھەردىكى قىرغىنچىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ، قاراپ تۇرۇشقا پەقەت چىدىمىدىم. ھەر كۈنى كەچتە ئۆيۈمگە قايتقىنىمدا، «دادا» دېگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ، ماڭا ئېسىلىپ تۇرۇپ، قولۇمدىن سۆيۈپ قويىدىغان بىر قىزىم بار ئىدى. ئەھۋالنى ئانىسىغا ئېيتتىم. ئانىسى كەچتە قىزىمنى يۇيۇپ تارىدى، تىرناقلىرىغا، قوللىرىغا خېنە ياقتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ ماڭا تۇتقۇزدى. بىز ئۆيدىن چىقتۇق، شۇ ماڭغىنىمىزچە ھەلەپكە (سۇرىيىنىڭ بىر شەھىرى) يېتىپ باردۇق. ئۇ شەھەردىكى پەرزەنتى يوق بىر باي ئائىلىگە قىزىمنى بالا قىلىۋېلىشقا بەردىم. قىزىمنىڭ مەھرى ھەققى ئۈچۈن بەرگەن پۇلغا بۇ مىلتىقنى ئالدىم، ئەمما ئوق ئېلىشقا پۇلۇم يەتمىدى» دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان يۈسۈپ ئۇستىنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى. ئۇ ھېقىلدىغىنىچە ئىچكىرىگە كىرىپ، «ئەڭ قىممەتلىك مۈلكۈم» دەپ ساقلاپ قويغان ئوقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ئوسمانغا بەردى. ئوسمان دۇكاندىن مىلتىقىنى مەھكەم قۇچاقلىغىنىچە يېنىپ چىقتى. يۈسۈپ ئۇستا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى. ئۇ مىلتىقىنى مەھكەم قۇچاقلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. مىلتىقنى ئەمەس، گويا قىزىنى باغرىغا بېسىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى...

 ئانتەپ مانا مۇشۇنداق تىللاردا داستان، ئىشەندۈرۈش تولىمۇ قىيىن بولغان قەھرىمانلارنىڭ پىداكارلىقى بىلەن ئازاد بولىدۇ. ئازاب ئوسماننىڭ پىداكارلىقى ھەقىقەتەن شەھىد بولۇشقا ھەر زامان تەييار تۇرىدىغان قەھرىمانلارنىڭ پىداكارلىقىدىنمۇ بەكرەك پىداكارلىق ئىدى.

 ئازاب ئوسماندىن قاتتىق تەسىرلەنگەن قورال-ياراغ ساتىدىغان يۈسۈپ ئۇستا بۇ ۋەقەلىكنى قىزى شۇلە يىلدىرىم دەمىر مىلتىقچىغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئون قېتىملاپ ھېكايە قىلىپ ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ ۋەقە شۇلە يىلدىرىمغىمۇ قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇنىڭ يۈرىكىگىمۇ ئورناپ كېتىدۇ. ئۇ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇن يىللار بۇرۇن كۆزى ياشتىن قۇرۇمىغان دادىسىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىرىنى خاتىرە قالدۇرىدۇ. شۇلە يىلدىرىم دەمىر مىلتىقچى كېيىنكى ھاياتىدا بۇ ئەھۋالنى «خېنە ياققان قىز» دېگەن شېئىرىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:

خېنە ياققان قىز

ئانامنىڭ قۇچىقىدىن ئالدىڭ

تۇت قولۇمنى بىز ماڭدۇق دېدىڭ

قانچىلىك خوش بولدۇم دادا؟

تېخى تۈنۈگۈن ئانام

بارماقلىرىمنى بىرمۇ بىر سۆيۈپ

خېنە قويغانتى

خېنە يېقىلغان قولۇم قانچىلىك گۈزەلدى

سەن كۆرمىدىڭ

بىر قولۇڭ بىلەن مېنى تۇتتۇڭ

يەنە بىر قولۇڭ بىلەن ئانامنى ئىتتەردىڭ

ئەجەبا، ئانام نېمىشقا بەك يىغلىدى دادا؟

مەن يېڭى ئۆگەندىم مېڭىشنى

سېنىڭ مېڭىشلىرىڭغا يېتىشەممەيمەنكى

نېمە بولىدۇ بىرئاز ئاستا ماڭ

ھەم قارا

قوللىرىمغا خېنە يېقىلغان

ھەممە ئۆيلەر ئارقىمىزدا قالدى

بەلكىم، ھە، شۇ دۆڭگە چىقساق

ئۇ يەردىن كۆرىمەن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشكە ئاز قالغان ئۆيىمىزنى

قانچىلىك ھېرىپ كەتتىم

بىلسەم سۆزلەشنى

ساڭا قايتىپ كېتەيلى دەيتتىم

ئانامنى سېغىندىم، قورسىقىم ئاچتى...

ئەمما سەن توختىمىدىڭ ھە دادا

مېنى ھاپاش قىلدىڭ

ئۇخلىغىن قىزىم دېدىڭ

بەكمۇ توڭلىغان ئىدىم

سەن مېنى ئىسىتتىڭ دادا

يۈكسەك تاغلارنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتتۇق

باشقا بىر دىيارغا كەلدۇق

مېنى سۆيدۈڭ، پۇرىدىڭ

كەلدۇق قىزىم، دېدىڭ

مانا يېڭى ئۆيۈڭ بۇ

بىر مىلتىق پۇلى سېنىڭ بەدىلىڭ بولسۇن

قىزىم ئانتەپكە قۇربان بولسۇن

قويۇپ بەردىڭ قوللىرىمنى

خېنە ياققان قولۇم نېمىدېگەن گۈزەل ئىدى

سەن كۆرمىدىڭ دادا

بىلىمەن سۆيگۈڭنى قويدۇڭ، كەتتىڭ دادا

پېقىرلىقنى غۇرۇرۇڭ كۆتۈرەلمىدى

ھەممە كىشى تىرىشسا سەن قاراپ تۇرالمىدىڭ

چۈشەندىم قولۇمغا نېمىشقا خېنە يېقىلغان؟

بىر ناھەق ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولدۇم، ئەمما

سەن بىر قېتىم بولسىمۇ قايتىپ كەلمىدىڭ دادا

چوقچىيىپ تۇرغان تاغلارنىڭ ئارقىسىدا

بولدى قىل، بىر قىزىڭ بولسۇن

كۆز ياشلىرىم

بەدەل دېگەن مىلتىققا ئوق بولسۇن

بۇ دۇنيادا ناھەقچىلىك ئاخىرلاشسۇن

مېنىڭ ئىسمىمنى ئانتەپلىك يۈرىكىدىن سورىسۇن

دادا ساڭا ھەققىم ھالال بولسۇن.

ھۆرمەتلىك شۇلە يىلدىرىم دەمىر

2006-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 4484 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2019 18:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق