خىتايچە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلار چىقىرىپ تاشلاندى

خىتايچە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلار چىقىرىپ تاشلاندى

تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىل باشلانغۇچ 6‏-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا چىقارغان خىتايچە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلىغان.
زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزمۇنلار بۇ يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. بۇ ئەھۋال ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدىكى مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا دەرسلىك ماتېرىيالى بېسىشنى بىردەك توختاتقان.
تەھلىلچىلار تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلارنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، باشقا مىللەتلەرگىمۇ كېڭىيىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1215 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2019 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق