گوللاندىيەدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ۋە كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

4-، 5-ماي كۈنلىرى گوللاندىيەنىڭ زايست شەھىرىدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ۋە كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەرلىك خەلق ۋە باشقا دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر زىيارەت قىلدى.

يەرمەنكىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان يەرلىك خەلقلەر، ئۇيغۇرلاردىن باشقا، قوشنا دۆلەتتىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇندىن باشقا يەرمەنكىنى زايست شەھىرىنىڭ يېڭى سايلانغان شەھەر باشلىقى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەرمەنكە ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، زىيارەت قىلغۇچىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرەر يېزا-بازارغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. يەرمەنكىگە ئۇيغۇرچە كىتابلار، تۈرلۈك ئۇيغۇر تائاملىرى، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى قاتارلىقلار قويۇلغان.

مەزكۇر يەرمەنكە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۆزئارا تونۇشۇشقا يېتەكلەش ھەمدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى چەت ئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان. گوللاندىيەدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغاندىن باشقا، قوشنا دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ زىيارەتكە كېلىشكە باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2092 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2024 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق