«كۆك ھىلال خانىم-قىزلار كەسپىي تەرەققىيات مەركىزى» رەسمىي قۇرۇلدى

كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم جەمئىيەت ئۇيغۇر خانىم-قىزلارغا قىلىۋاتقان ياردەمنى ۋاقىتلىق ئېھتىياجىنى قامداشلا ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن «كۆك ھىلال خانىم-قىزلار كەسپىي تەرەققىيات مەركىزى»نى رەسمىي قۇرۇپ چىقتى.

جەمئىيەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېلانىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئائىلە شارائىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسى بار خانىم-قىزلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، يولدىشى ۋاپات بولغان ياكى ۋەتەندە قېلىپ ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىك سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان خانىم-قىزلارنى ئىشقا ئالىدىغانلىقى، پەرزەنتلىرى كۆپ ياكى كىچىك ياشتىكى پەرزەنتلىرى بولۇش سەۋەبلىك سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتى تاپالمىغانلارغا مەخسۇس خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ھەقسىز يەسلى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەركەز ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىنىڭ مەركىزىگە ئېچىلغان بولۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ دەسلەپكى مائاشىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەرقانداق بىر تىككۈچىلىك ئورنىنىڭ نورمال مائاشىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى، خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولغان خىزمەتچىلەرنى تۈرلۈك مۇكاپات ۋە ھەرخىل قوشۇمچە ياردەملەر بىلەن ئالاھىدە تەمىنلەيدىغانلىقى، يېتىم بالىلىرى بولغان، ئائىلە جان سانى كۆپ خانىم-قىزلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئېلاندا يەنە كېيىنكى باسقۇچلاردا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقايسى ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر ساھەدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2168 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2024 11:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق