خانىم- قىزلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان...

 

27-فېۋرال كايا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. 
پائالىيەتنى مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى تەشكىللىدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، شەمسىنۇر ئۆزئۇيغۇر خانىم، نۇربىيە خانىملار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 
ئۇلار پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىنى سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە تەپسىلىي تونۇشتۇردى. 
پائالىيەتتە يەنە يېڭىدىن تەييارلانغان قىسقا فىلىم «شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مەكتۇب» قويۇلدى. فىلىمدىن تەسىرلەنگەن مەدەنىيەت ۋەقفى ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەدە تونۇشتۇرۇشقا ۋەدە قىلدى.

بۇ خەۋەر 12844 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2019 17:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق