خىتاي-ئامېرىكا سودا سۆھبىتى ئاياغلاشتى

خىتاي-ئامېرىكا سودا سۆھبىتى ئاياغلاشتى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئامېرىكا سودا سۆھبىتى تۈنۈگۈن ئاياغلاشقان.
ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى كۈن داۋاملاشقان سودا سۆھبىتىدە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، مۇلازىمەت ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. خىتاي ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۈرگەن. شۇنداقلا كېيىنكى باسقۇچلۇق سۆھبەتنىڭ 9-ئاينىڭ ئاخىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
بۇ قېتىملىق سودا سۆھبىتى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ تىۋىتتېردىكى يېڭى يازمىسىدا خىتاينىڭ سودا سۆھبىتىنى قەستەن ئارقىغا سۈرمەكچى بولغانلىقىنى، كېلەر يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى، ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسا، خىتاينىڭ ناچار ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي تەرەپ تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تىرامپنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 783 قېتىم كۆرۈلدى
01/08/2019 21:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق