ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن شاڭخەيگە يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن، 24-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شاڭخەيگە يېتىپ بارغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىلىنكېن زىيارەت جەريانىدا خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى قىلمىشلىرىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، شۇنداقلا تەيۋەن يېڭى پىرېزىدېنتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدە خىتاينى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىق قىلىدىكەن.

بىلىنكېن 24-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھىرىگە بېرىشنى پىلانلىغان. ئۇ خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى ئەمەلدارلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قاتار ئىختىلاپلار يەنىلا داۋام قىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە زىيارەت جەريانىدا زور ئىلگىرىلەشلەر بولمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىككى تەرەپ ئوچۇق ئالاقە يوللىرىنى ساقلاپ كىشىنى تەشۋىشكە سالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. گەرچە بۇلتۇر  ئىككى تەرەپ باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېز ھەرىكەت قىلالمىدى، دەپ قارايدىكەن. ئامېرىكا بولسا مۇقىم ۋە بەك داۋالغۇش بولمىسىلا يېتەرلىك، دەپ قارايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1652 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2024 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق