خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى

خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى
12-سېنتەبىر ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى ئەمەلىي كونتىرول قىلىش لىنىيەسى «LAC» پاڭگۇڭ كۆلى ئەتراپىدا جىددىيچىلىك يۈز بەرگەن.
خەۋەردە لاداخقا جايلاشقان 134 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاڭگوڭ كۆلىنىڭ شىمالىغا چارلاشقا چىققان ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ كۆلنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغانلىقى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ياردەمچى قىسىم چاقىرىشى بىلەن ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ قوماندانلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن جىددىيچىلىك پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ كەشمىر مەسىلىسىدە ھىندىستانغا قارشى پاكىستاننى قوللىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان چېگرا كونترول لىنىيەسى «LAC» قا دائىر ئىختىلاپلار سەۋەبلىك بۇ جىددىيچىلىكنىڭ ھەر ۋاقىت كۈچىيىپ كېتىش ئېھىتماللىقى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 577 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2019 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق