خىتاي-ئىران «ئىستراتېگىيىلىك ئىش بىرلىكى»

 

خىتاي-ئىران «ئىستراتېگىيىلىك ئىش بىرلىكى»

9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي، ئىران بىلەن 2016-يىلىدا ئىمزالىغان «ئىستراتېگىيىلىك ئىش بىرلىكى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ قارارنى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاۋاد زەرىف 8-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ زىيارىتىدە ئېلان قىلغان. بۇ قارارغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ بېسىمىدا قالغان ئىرانغا 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغان. بۇ مەبلەغنىڭ 280 مىليارد دوللارنى ئېنېرگىيە ساھەسىگە قېلىپ قالغان 120 مىليارد دوللارنى بولسا قېزىلما بايلىقلارغا ئىشلىتىدىكەن.

ئامېرىكا بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا قارىتا “يۇقىرى بېسىم” ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىشى ۋە قولتۇق رايونلارنى قامال قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك بىر قەدەم باستى. بەزىبىر مەنبەلەرنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا خىتاي ۋە تېھران تۇنجى ئىمزاسىنى 2016-يىلىدا قويغان «ئىستراتېگىيىلىك ئىش بىرلىكى» نى باشلاشنى قارار قىلدى. 25 يىللىق پىلانلانغان بۇ ئىش بىرلىكىدە ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، بۇ رەقەم پىلانلارغا قاراپ يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

كېلىشمە ئاساسلانغاندا، ئىرانغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنى توختىتىش ۋە ياكى تاماملانغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز پىلانلىرىدا سۆز ھەققى خىتاي شىركەتلىرىدە بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ پىلاندا قوللىنىدىغان ئىشلەمچىلەر، تېخنىكا ۋە باشقا ئىشلاردا خىتاي شىركەتلىرى ئالدى بىلەن قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ مۇھىم قىسىملىرىدىن بىرى بولسا، خىتاي مەبلەغ سالغان رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ساقلاش توغرىسىدا بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە «خىتاي مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن 5000 نەپەر خىتاي بىخەتەرلىك قىسمى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. بۇ قىسىم پارس قولتۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراندىن خىتايغا ماڭغان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلايدۇ. بىخەتەرلىك ساقلىغۇچى ۋە جابدۇقلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. » دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر 896 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2019 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق