خىتايدىكى يېمەك-ئىچمەك باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە

خىتايدىكى يېمەك-ئىچمەك باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى يېمەك-ئىچمەك باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەشكە باشلىغان.
خىتايدا ئۆتكەن يىلىدىن باشلانغان ئافرىقا چوشقا ۋاباسىنىڭ تەسىرىدە خىتايلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكلىرىدىن بىرى بولغان چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن ئىدى. ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىكى يېمەك-ئىچمەك باھاسىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەشكە باشلىغان،
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى مېۋە-چىۋە باھاسى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. خۇسۇسەن بېيجىڭدا مېۋە-چېۋە باھاسى %70تىن ئارتۇق ئۆرلىگەن. ھەتتا بەزى مېۋىلەرنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر يېرىم ھەسسىگە يېقىن ئۆرلەپ كەتكەن.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا كۆكتاتلارنىڭ باھاسىمۇ %20 كە يېقىن ئۆسكەن. پۇقرالار بارا-بارا مېۋە-چىۋە، كۆكتات يېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشقا باشلىغان.
ئۇندىن باشقا شېكەر قاتارلىق يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، پېچىنە-پىرەنىك، سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 1170 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2019 21:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق