خوتەندە 300 مو كۆلەمدىكى جازا لاگېرىنىڭ بارلىقى دەلىللەندى

خوتەندە 300 مو كۆلەمدىكى جازا لاگېرىنىڭ بارلىقى دەلىللەندى

پىدائىيلارنىڭ بەيدۇ تورى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، خوتەندە 300 مو كۆلەمدىكى جازا لاگېرىنىڭ بارلىقى دەلىللەندى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى تەۋەلىكىدە «2-، 3-جازا لاگېرى» دەپ نام بېرىلگەن لاگېرلار بايقالغان. بۇ جازا لاگېرلىرى خوتەن شەھىرىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق، يېڭىئاۋات ۋە يېڭىئېرىق يېزىلىرىغا تۇتاش قۇملۇققا جايلاشقان.


بۇ لاگېرلار 2015-يىلىدىن كېيىن سېلىنغان بولۇپ، ئىككى چوڭ رايونغا بۆلۈنگەن. بىرى تەخمىنەن 300 مو، يەنە بىرسى 150 مو كۆلەمدە ئىكەن.
300 مو كۆلەمدىكى 2-جازا لاگېرى ئالتە تارماق رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، تۆمۈر رېشاتكا، سىم توسۇقلار بىلەن ئايرىۋېتىلگەن. ئەڭ ئۈستىدىكى بىر رايون قوراللىق ساقچىلارنىڭ بازىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. جازا لاگېرىنى قورشاپ تۇرغان قورشاۋ تېمىدا 30 نەچچە كۆزىتىش مۇنارى بار ئىكەن. جازا لاگېرىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىدە بەش قەۋەتلىك بىنالار بار بولۇپ، تەخمىنەن 1700 كامېرا ئورنىتىلغان ئىكەن.


150 مو كۆلەمدىكى 3-جازا لاگېرىدا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان ئون يۈرۈش بىنا بار بولۇپ، تەخمىنەن مىڭغا يېقىن كامېر بار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندا خوتەن ناھىيەسىدىن يەنە ئاز دىگەندە 50 مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1377 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 08:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق