ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى فىلىپپىن مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ بۇ ھەپتىدىكى فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، دەپ تەنقىد قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن 2-مايدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدا فىلىپپىننىڭ پاراخوتىغا زەرەر يەتكۈزۈش ۋە پاراخوت خادىملىرىنى يارىلاندۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىق، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لويد ئوستىن يەنە ئامېرىكىنىڭ 1951-يىلىدىكى ئۆزئارا مۇداپىئە شەرتنامىسىدا بايان قىلىنغاندەك فىلىپپىننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتايغا سىگنال بېرىپ، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە شېرىكلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن: «بىزنىڭ بۇ شەرتنامىگە بەرگەن ۋەدىمىز پولاتتەك مۇستەھكەم، بىز فىلىپپىن بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن.

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تېئودورو فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر شەرتنامىنىڭ ماددىلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشنى رەت قىلغان ۋە بۇنىڭ «سىياسىي قارار» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىش جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، BBC مۇخبىرى خىتاي پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە سۇ زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىغا شاھىت بولغان.

BBC نىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا مۇخبىرى جونىسىن ھېد ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىدا بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايوندا خىتاي پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن پاراخوتىنى يان تەرەپتىن سوققانلىقىنى كۆرگەن ۋە مەزكۇر ۋەقەنى، شۇنداقلا ئۈچ خىتاي پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىغا ئەگىشىپ ماڭغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن پاراخوتىغا سۇ زەمبىرەكلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر پاراخوتنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1830 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2024 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق