ئەنگلىيە شىركىتى سودا مۇھىتى سەۋەبلىك خىتايدىن ئايرىلغان

ئەنگلىيە ئېنېرگىيە ماگناتى خىتايدىكى سودا مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبلىك، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خىتاي ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىققان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-ماي شېل ئېنېرگىيە شىركىتى باياناتچىسىدىن كەلگەن ئېلخەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، شېل ئېنېرگىيە شىركىتى (Shell) خىتايدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە زەنجىرىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغان. بۇ توك ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە سېتىش كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باياناتچى: «بىز تاللاپ مەبلەغ سالىمىز ھەمدە كۈچ بىرىكمىمىزدىن قىممەت يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز، بۇ قاتتىق تاللاشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

شېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋېل ساۋاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارار شىركەتنىڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىدىغان كارخانىلارغا ئەھمىيەت بېرىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. شېل باياناتىدا چېكىنىش قارارىنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جياڭسۇ ئېلېكتىر سودا مەركىزى ۋە گۇاڭدۇڭ ئېلېكتىر سودا مەركىزى شېل ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ خىتاي بازىرىدىن ئۆزلۈكىدىن چېكىنىش ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

شېل شىركىتى 2014-يىلى خىتايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ساھەدە خىتايغا تۇنجى بولۇپ مەبلەغ سالغان شىركەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئېلېكتىر سودا بازىرىغا كىرگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، شېلنىڭ خىتاينىڭ ئېلېكتىر بازىرىدىن چېكىنىشىدە ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئېنېرگىيە ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى ئىكەن. يەنە بىرى خىتاينىڭ توك ۋە ئېنېرگىيە سېتىش بازىرىدىكى كەسكىن رىقابەت ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1560 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2024 19:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق