چاقماق خەۋەر

«100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نىڭ ئالماستەك روھى مەڭگۈ چاقنىسۇن

 

«100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نىڭ ئالماستەك روھى مەڭگۈ چاقنىسۇن

مامۇتجان

كوممۇنىست خىتاي ئىمپېرىيەسى جەننەتتەك گۈزەل سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى قوراللىق تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىنسان ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەھشەتلىك، قاباھەتلىك، جاھالەتلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن بەشىنچى، ھەتتا تۆتىنچى ئەجدادىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى، ئىش-ئىزلىرىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئادەمنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغان تەرىپى شۇكى، ماركىس، ئېنگلىس، لېنىن، سىتالىن، ھەتتاكى ئۆزىگە دوزاختىن بەتتەر ۋەھشىيانە ئازاپ- ئوقۇبەت سېلىپ، خۇدالىق ئالەمدىن تامامەن يوق قىلىمەن دەۋاتقان، ئۇچىغا چىققان تاجاۋۇزچى، جاللات ۋە فاشىست ماۋ زىدۇڭ، دىڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، ۋاڭجىن، ۋاڭ ئىنماۋ، ۋاڭ لېچىۋەن، جاڭ چۈنشەن، چىن چۈەنگو... لارنىڭ ئۆزى قېلىپتا قۇيۇۋالغان بىمەنە، ساختا تارىخىنى بەش قولدەك بىلىدۇ. ھەمدە كالا تېرىسىدەك چوڭايتىلغان رەسىملىرىنى تاملىرىغا ئېسىۋالىدۇ. ئۆزى نومۇس قىلماي ئەجدادلىرىنى ئالەمچە نومۇسقا پاتۇرغان دەھشەتلىك زالالەتلىك كۈنلەردە «مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ 100 مەشھۇر ئۇيغۇر دېگەن كىتابى نەشىردىن چىقىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇددى دەشت-چۆلدە ئۇسسۇزلۇقتىن لەۋلىرى قۇرۇپ، يۈرەك-باغرى چوغدەك يانغان ئادەمگە توساتتىن بۇلاق ئۇچراپ قالغاندەك قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتىم. دەرھال ئايالىم بىلەن بىللە سېتىۋېلىپ، ئوقۇشقا باشلىدۇق.

ياۋروپالىق بىر پەيلاسوپ (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن): «بىر مىللەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىنى پارچىلاش، مائارىپىنى ۋەيران قىلىش، خەمئىيەتنى يوقىتىش، سەرخىللارنى تازىلاش، تارىخىنى تامامەن ئۆزگەرتىپ تاشلاش كېرەك» دېگەن. ئىتالىيەلىك مەشھۇر تارىخچى، سىياسىيون نىككولو ماكياۋېللى (Niccolò Machiavelli 1469-1527) «ئىستېلا قىلغان زېمىننى قولدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز پۇقرالىرىنى تۈركۈملەپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق، ئىستېلا قىلىنغان خەلقنىڭ نوپۇسىدىن ئاشۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا كۆنمىسە، ئىستېلا قىلىنغان خەلقنى تامامەن قىرىپ تاشلاش كېرەك» دېگەن. ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى كوممۇنىست خىتاي ئىمپېرىيەسى بىزگە يۇقىرقى ئىككى خىل قاراشنى تولۇق تەدبىقلاپ چىققان مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا، ئىنسانىيەت باغرىدا چولپان يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان شانلىق تارىخىمىزنى بىلمەي، قۇللۇق تارىخىمىزغا ئويۇپ قويغان تارىخىمىزنى نومۇسسىزلارچە يۇتۇپ ياشاپ، ئۆزلۈكىمىزنى، كىملىكىمىزنى چۈشەنمەيدىغان ماڭقۇرت ھالىتىمىزدە «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نى ئوقۇپ چىقىپ، تارىخىمىزنى قېزىپ ئوزۇق ئېلىش ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان تارىخىي بۇرچىدۇر.

رىشات نۇرى گۈنتېكىن (Reşat Nuri Güntekin 1889-1956): «تارىخنى قەھرىمانلار يارىتىدۇ، قەھرىمانلارنى خەلق يارىتىدۇ» دەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئېيتقان. بىلەمسىز، مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ يېزىپ چىققان «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابىنى ئوقۇشقا باشلىغاندا ئايالىمنىڭ قورسىقىدا كەلگۈسىمىزنىڭ خوجايىنى چولپان يۇلتۇزىمىز بار ئىدى. «ئاجايىپ چىرايلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ» دەيتتى ئايالىم قورسىقىنى يەڭگىل سىلاپ گۈلدەك كۈلۈپ تۇرۇپ. مەن ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمۈلۈپ، تېخىمۇ مۇڭلۇق ئوقۇشقا باشلايتتىم.

ئەجدادلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى بىلمىگەن ئادەم ئەۋلادلىرىغا سۆزلەپ بېرىدىغان نەرسە تاپالمايدۇ، دەيتتىم ھەر قېتىم ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىۋالغان بەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن.

بىز ئۈمىد يۇلتۇزىمىز ئوغۇل بولۇپ دۇنياغا كەلسە «شىراق»، قىز بولسا «تۇمارىس» دەپ ئىسىم قويماقچى بولدۇق. نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟ «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن سەلتەنەتلىك تارىخىمىزنى ياراتقان باھادىرلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى كۆز ئالدىمىزدا كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلاپ، مۈكچەيگەن قەددىمىز خانتەڭرىدەك مەغرۇر، مەزمۇد قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى. مەن ۋە ئايالىم ئىككىمىزنىڭ شىراق ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق ئىدى. ئەمما ھازىر شىراق دېگەن بۇ ئىسىم قەلبىمىزدە قۇياشتەك چاقناپ تۇرماقتا.

- ھۆرمەتلىك قاغانىم ۋە ئاقساقاللارنىڭ نېمە ئىش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. ياۋ بوسۇغىمىزغا كېلىپ قالدى. بارلىق ئوغۇز ۋە ساكلىرىمىز ئۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ... مەن ساكلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كەمبەغىلى. ئاچ-يالىڭاچ ھالەتتە تۇرۇۋاتقان خوتۇن-بالىلىرىم بار. ئەگەر سىلەر خوتۇن-بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشقا ۋەدە بەرسەڭلار، مەن ئۆز ھاياتىم بەدىلىگە تاجاۋۇزچى دارا لەشكەرلىرىنى گۇمران قىلىپ، مۇقەددەس زېمىنىمىزنى بالايى-ئاپەتتىن خالاس قىلىمەن!

- سەن بىر، ياۋ تۈمەنمىڭ. بۇنى بىلەمسەن؟

- خوتۇن-بالىلىرىڭغا بىز ئىگە.

ئاقساقاللار شۇنداق دېيىشىدۇ. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە قارىشىدۇ، گەپ-سۆز قىلىشمايدۇ. كۆز يېشى ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن خوشلىشىدۇ. شىراقنىڭ خوتۇنى ھەدەپ كەينىگە قاراپ يۇم-يۇم يىغلايدۇ. تېخى كىچىك ئىككى بالىسى...

شىراق بۇغا مۈڭگۈزىدە ساپلانغان كەڭ ئىنلىق، قوپال، ئۆتكۈر خەنجىرىنى ئالىدۇ. بۇرنىنى، ئىككى قۇلىقىنى كېسىپ تاشلايدۇ. بەدەنلىرىنىڭ نەچچە يېرىنى تىلىۋېتىدۇ. سىز شىراقمۇ؟ شىراق بولغۇدەك پۇرسەت يوقمۇ؟ بىزدە «ياخشى ئەر ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلەر»، «ۋەتىنى يوقنىڭ جېنى يوق»، «ئەل-يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس»... دېگەن ماقال-تەمسىللەر بار.

مەن ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنىڭ ئۆلمەس شاھانە ئەسىرى «شاھنامە»دە ئەركىنلىك، ھۆرلۈك... چولپان يۇلتۇزى تۇمارىس ئانىمىز ھەققىدە مۈجمەل تەسىرات ئالغان ئىكەنمەن. «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»دىكى تۇمارىس ئانىمىز ھەققىدىكى ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاندىن خۇددى زۇلمەت قاراڭغۇدىن يورۇقلۇققا چىققاندەك قەلبىم پاللىدە يورۇپ كەتتى.

تۈركلەرنىڭ تۇنجى ئايال ھۆكۈمدارى، باتۇر ۋە ئەقىللىق تۇمارىس مىلادىدىن بۇرۇنقى 500-يىللاردا ياشىغان. تۇمارىس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى بولۇپ، ئۇ ئالپ ئەرتۇڭانىڭ چەۋرىسىدۇر.

تۇمارىس ئەلچىلەر ئارقىلىق كەيخىسراۋغا: «ئەي ھىيلىگەر ئالدامچى، قانخور، زالىم پادىشاھ كەيخىسراۋ! قىلغان ئىشىڭ بىلەن ماختانماي قوي. سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى يۈزمۇ يۈز جەڭ قىلىپ يەڭگىنىڭ يوق. ئۇ سېنى يېڭىپ، غەلىبىنى تەبرىكلەپ بەزمە قىلىۋاتقاندا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلدىڭ. ئەمدى مېنىڭ مەسلىھەتىمگە كىر، ئۆز ماكانىڭغا زىيان-زەخمەتسىز كېتەي دېسەڭ ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەر! چۈنكى مەن قان تۆكۈشنى خالىمايمەن! ئەگەر ئۇنىمىساڭ ماسساگىت، ساكلارنىڭ تەڭرىسى قۇياش نامى بىلەن قەسەمكى، مەن سەندەك ئاچكۆز يۇھانى قان بىلەن سۇغۇرىمەن!».

«تۇمارىس ئۆزىنى كۆزگە ئىلماي، كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر ئايال قاتارىدا كۆرگەن، مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكىگە، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىغا قەست قىلغان قانخور بىر ھۆكۈمدارغا قارشى باتۇرلارچە ئۇرۇشۇپ، شۇنچە كۈچلۈك دۈشمىنى ئۈستىدىن تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىدۇ.

«ئەي نامەرد! تاجاۋۇزچىلىقىڭغا قارشى مەرتلەرچە جەڭ قىلىپ، سېنى يېڭىپ كېلىۋاتقان مەندەك بىر ئايالنى مەككارلىق بىلەن ئوغلۇمدىن جۇدا قىلىپ، پەرزەنت دېغىدا قويدۇڭ! سەن ئۆمۈر بويى قانغا تويمىدىڭ! مەن ئۆز قەسىمىمگە ئەمەل قىلىپ، مانا سېنى قان بىلەن سۇغاردىم. ئەمدى توي! باشقىلارنىڭ ئەل-يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ!»

ناھايىتى مېھرىبان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئالەمچە ئىنايىتى بولغان قىزىمىزغا «تۇمارىس» دەپ ئىسىم قويدۇق. كىم ئېيتقان بولغىيتتى-ھە!

ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،

ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.

كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،

بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.

كوممۇنىست خىتاي ئىمپېرىيەسى جەننەت ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى قوراللىق تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە، بولۇپمۇ جاللات چىن چۈەنگوغا ئوخشاش ئېچىرقاپ كەتكەن، قوزىلارغا ئېتىلغان قاۋان-توڭگۇزلاردەك فاشىستلارنىڭ قەبىھ ھەرىكەتلىرى ئالدىدا شىراقتەك، تۇمارىستەك باھادىرلىرىمىز مەيدانغا تۆكۈلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ چاغدا...

كوممۇنىست خىتاي ئىمپېرىيەسى «ھەرىنىڭ ئۆلگىسى كەلگەندە ئۈشۈك ھەرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەندەك ھالغا كېلىپ قالغان، روھىمىز خۇددى رەھىمسىز تەكلىماكاندەك چۆللىشىپ كەتكەن بۇ پەيتلەردە «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نى ئوقۇغاندىن كېيىن بولسىمۇ، تارازىنىڭ تېشىدەك ساڭگىلاپ كەتكەن بېشىمىزنى قاتتىق سىلكىپ، ئۆزىمىزنى، ئۆزلۈكىمىزنى قايتىدىن مەھكەم تۇتۇشىمىز لازىم. ئۇنتۇماڭ! جاھاننى تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا تىترەتكەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئىسسىق قان ئېقىپ تۇرغان قولىنى كېسىپ، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان پادىشاھ شۇ ئىدى.

«بۇ لەشكەرلەرنىڭ بېشىغا كىيگەن دۇبۇلغىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە لاچىننىڭ قانىتىغا ئوخشاش قانات بار ئىدى. ئۇلار ئالدىغا ئوق ئېتىپ قانداق تەككۈزگەن بولسا، ئارقىچىلاپمۇ ئاتقان ئوقلىرىنى دەل نىشانغا تەككۈزەلەيدىغان ئاجايىپ ئۇستا مەرگەنلەر ئىدى.»

ئىستىقلال مارشىمىزدىكى ئەجدادلىرىمىز، ئاتلىرىمىز دۇنيانى تىترەتكەن ئارسلان بولسا، بىزچۇ؟ ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىدا، سىڭىللىرى، ئاچىلىرى خورلۇقتا، ئەركەك قېرىنداشلىرى دوزاختا ھاياتتىن بىزار ياكى ئىچكى ئەزالىرى سېتىلىپ كەتكەن. خۇددى كۆز يەتكۈسىز تىك يارغا مەجبۇرىي ئەكەلدۈرۈلگەندەك بىر ھالدىمىز.

 روھىمىز نېمە بولۇپ كەتتىكىن تاڭ! كەسپىي ئەخلاق قارىشى ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم ئۆز كەسپىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچۇم ئەنۋەر قاپاغان مۇئەللىم بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندە مېنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىپ قىسقىچە ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، مۇستەملىكىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى، ئازادلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى سۆزلەپ بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر قامۇسىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىلىق تەكلىپ بەردى.

مەن ئەتىسى ئەنۋەر قاپاغان مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ يازغان كىتابى «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نى قويدۇم.

- ھازىر سىلەر ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بىر ساھەنى تولدۇرۇپتۇ، - دېدى ئۇ ناۋات رەڭ كىتابنى خۇددى جاھاندىكى ئەڭ قىممەتلىك بىباھا نەرسىنى تۇتقاندەك ئاۋايلاپ تۇتۇپ، تويماي قاراپ.

- ھەقىقەتەن شۇنداق، - دېدىم ئوقۇتقۇچۇمغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ.

- سىز بۇ كىتابنى كېچىكتۈرمەي دەرھال تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ چىقىڭ، شانلىق تارىخىڭلاردىن بىزمۇ خەۋەردار بولايلى!

- مېنىڭ تۈركچەم ياخشى ئەمەس.

- باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلىڭ. سىلەردە «ئادالەت ئالدىدا پىلمۇ ئوسۇرۇپتۇ» دەيدىغان ماقال-تەمسىل بارغۇ؟ دېمەك، دىڭ تۇرغان پاكىت مىڭ ئېغىز كاپ-كاپنى يەرگە ئۇرىدۇ.

- مەن بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا «ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلايلى» دېسەم، ئۇلارنىڭ چېچىدىن تولا ئىشى بار ئىكەن.

مەن ئوقۇتقۇچۇمغا قاراپ يەڭگىل ئۇھ تارتىپ قويدۇم.

- مۇشۇنداق بولمىغۇر ئىدىيە بولسا، قۇللۇق ئاسان يىلتىز تارتىپ كېتىدۇ.

ئوقۇتقۇچۇم ئۆزىگە خويمۇ ياراشقان كۆز ئەينىكىنى يەڭگىل كۆتۈرۈپ، ئازابلىق كۈلۈمسىرەپ قويدى. مېنىڭ قان-زەرداپقا تولۇپ كەتكەن قەلبىمدىن ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ «قەدىرلىگىن قەدىرلىگەننى، قەدرىگە ياتلار يەتمىسۇن» دېگەن سۆزى جاراڭلاپ ئۆتتى.

ھە راست، «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نىڭ كۈچ-قۇدرىتى تۈپەيلى ئوقۇش پۇلۇمنىڭ يېرىمىنى (750 لىرا) ئوقۇتقۇچۇم مەكتەپ رەھبەرلىرىگە سۆزلەپ ئازايتىپ بەردى. بەلكىم توققۇز يىل كېچە-كۈندۈز قان-تەرىنى ئاققۇزغان مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرمۇ بۇنچىلىك پايدىسىنى كۆرمىگەندۇ. بۇ بەلكىم ئاتاقلىق ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «پىلە قۇرتى يىپەك ئىشلەپ چىقارغىنىنى ئۆزى كۆرەلمەيدۇ» دېگەندەك بىر ئىش بولسا كېرەك.

 «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەلتەنەتلىك تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەر بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق تارىخىغا ئۆزلۈك، ئەركىنلىكىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئالەمچە تۆھپە قوشقان باھادىرلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى قىسقا، قىزىقارلىق ھېكايە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ گۈللەپ-ياشنىشىغا مىسلىسىز تۆھپە قوشقانلىقى ھەم ئەزەلدىن دۆلەت ۋە ئىمپېرىيە قۇرۇپ، ئەركىن، ھۆر ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كوممۇنىست خىتاي تاجاۋۇزچى ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇزغا يېزىپ قويغان تامامەن ساختا تارىخىنى پاكىتلىق ئىنكار قىلىپ تاشلىغان. دېمەك، «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ئارقىلىق قاتمۇ قات تاغ ئاستىدا قالغان تارىخىمىزنى قېزىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالايمىز.

رىشات نۇرى گۈنتېكىن «قەھرىماننى خەلق يارىتىدۇ» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نى يۈرىكىڭىزنى ئالماستەك بىلەپ، روھىڭىزنى ئوغۇز سۈتىدەك ساپلاشتۇرۇپ ئوقۇپ چىقسىڭىز، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا پولات زەنجىر ھاسىل قىلىپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆمۈردەك قارا يۈرىكىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىز. شۇنداقلا ئۆز قان-تەرى بىلەن جەننەتتەك ۋەتىنىمىزنى گۈللەپ ياشناتقانلىقىدىن ئالەمچە پەخىرلىنىسىز. ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدىن ئىچىڭىز ئاچچىققا تولىدۇ. دېمەك، بۇ كىتاب غەرب ئىدىيەسىدىكى «قۇلدارلار تارىخنى قۇمغا يازىدۇ، قۇللار تارىخنى قورام تاشقا يازىدۇ» دېگەن كۆز قاراشنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ چىققان.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بىل كىلىنتون «مېنىڭ تۇرمۇشۇم» دېگەن كىتابىدا: «سەن سۆيۈملۈك ۋەتىنىڭگە، خەلقىڭگە ئەڭ ياخشىسى سىياسىيون بول، بولمىسا يازغۇچى» دېگەن. «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نىڭ مۇئەللىپى مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر كوممۇنىست خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇملىرى تۈپەيلى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلم-پەن بۇلاقلىرىدىن قېنىپ- قېنىپ سۇ ئىچىش پۇرسەتلىرىدىن تامامەن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، ئەمما سۆيۈملۈك جەننەت ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى، ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەر بىر تىنىقىدا كۈرەش قىلىپ كەلگەن.

2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى (جۈمە) بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى باشلانغان كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆزىگە بېنزىن چېچىپ، ئوت ياققان. نەتىجىدە خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ۋە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە بىر كۈن ئىچىدە ئىككى «ئولىمپىك مەشئىلى» يانغان. بۇ ۋەقە ئەينى يىللاردا دۇنيادىكى 1-دەرىجىلىك خەۋەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، 3200دىن ئارتۇق تېلېۋىزور قانىلى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. بۇ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ يۇقىرى سىياسىي سەزگۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭدەك كەمدىن كەم تېپىلىدىغان ھايات-ماماتلىق مەيداندا «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس»، «ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول» دېگەنلەرنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن.

ئوت يۈرەك ئارسلانلارنىڭ ئىلىم-پەن دېڭىزىدا ئۈزەلمەسلىكى تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىسى بولسا، ناتىۋان خەلقىمىزنىڭ پاجىئەسىدۇر. ئەمما ئۇ «تىرىشساڭ ئاسماندىكى ئاينىمۇ قوينۇڭغا سالالايسەن» دېگەندەك، رۇس خەلق ماقالى بولغان «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى سوقۇش» ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىپ ھالا بۈگۈنكىدەك ئىنتايىن چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ چىقتى.

دۇنيا تارىخىنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق، پۇشكىن، ماكسىم گوركىي، چىخوپ، كافكا، سپونزا... قاتارلىقلارمۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ روھىي تۈۋرۈكلىرى بولغان مەمتىلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر... قاتارلىقلارمۇ تولۇق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىيات ساھەسىدە چولپان يۇلتۇزغا ئايلانغان ئىدى.

 «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نىڭ تىلىنىڭ نەقەدەر راۋان، سۈزۈك ھەم ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغانلىقىغا قاراپلا مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ پىشقان، ئوت يۈرەك يازغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.

«تارىخ ئېغىر يۈكىنى بوينىدا سۆرەپ ئەۋلادلىرىغا يەتكۆزۈپ بېرىدىغان كېمىگە ئوخشايدۇ» دېيىلگەنگە ئوخشاش، بۇ كىتابنىڭ نەشرىياتتىن يېزىلغان بېغىشلىمىسىدا: «تارىخنى ئۆگىنىش دېمەك-ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىش، كەلگۈسى ئۈچۈن توغرا قەدەم ئېلىش دېمەكتۇر. تارىخنى بىلمىگەنلەر دوست-دۈشمەننى بىلەلمەيدۇ، باشقىلارنىڭ يالغان، يۇمشاق گەپلىرىگە ئاسانلا ئالدىنىپ كېتىدۇ» دەپ يېزىلغان.

 مەن يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك تولىمۇ جاپالىق ئىشلەپ، بۇ كاتتا ئەسەرنى يېزىپ چىققان مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇرغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، بۇنىڭدىن كېيىن پىشقان، ئۆتكۈر قەلىمىدىن تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەمدە ئۇلۇغ شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مۇنۇ بىر كۇپلىت شېئىرىنى تەقدىم قىلىمەن.

 

نى ئەرلەر كەچتى قان، يەنە قان كېچەر،

ئەل بەختى يەنە كۆپ قان-تەرنى شىلەر.

قان ۋە تەر ئاققۇزۇپ بولۇپ بىر ئۆستەڭ،

قاندۇرساڭ چۆلنى ئەل ئەجرىڭنى بېرەر.

 

 

بۇ خەۋەر 1198 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق