كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە

كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە 

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك  قېرىنداشلا، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تۈركىيەدىكى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاپ كېلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر قىسىم تىرىشچانلىق ۋە تەييارلىقلاردىن كېيىن «كوك ھىلال ئىنسانى ياردەم جەمئيىتى» (MAVİ HİLAL İNSANİ YARDIM DERNEĞİ) نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ دەرنەكنىڭ ماھىيىتى، تۈركىيەنىڭ «قىزىل ئاي» Kızılay- Türk Kızılayı 1868) ( ۋە خالقئارادىكى «خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتى»(Uluslararası Kızılhaç 1863)  گە ئوخشاش بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى، تۇركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ياردەم قۇبۇل قىلىش ۋە توپلاش، ئۇلارنى ئېھتىياجى بولغان شەخس ۋە ئۇرۇنلارغا يەتكۆزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.  

 بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىقىغا ئابدۇرەھىم ئېزىز ئوغلو (نىمىتۇللا قارىم) مەسئۇل قىلىندى. تېلىپۇن ۋە ۋاتساپ نۇمۇرى +905355996393.

    بىز ئاللاھ تەئەلادىن بۇ تەشكىلاتىمىزنى مىللىتىمىز ئۇچۇن  مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. «كوك ھىلال ئىنسانى  ياردەم  جەمئيىتى» بۈگۈن (شەنبە) كەچ سائەت 16:00 دە رەسمى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مۇراسىمغا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى  قىزغىن قارشى ئالىمىز.  

    ئادرىس: كامال پاشا مەھەللىسى چاغرى سوكاك نو 5. ساپاكوي كوچوكچەكمىچە ئىستانبول.

 

    ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيەدە 2004- يىلىدىن باشلاپ ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم، ئابدۇقادىر ئەمەت (ياپچان)، ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، ئىبراھىم داموللام... قاتارلىق ئالىم ۋە جامائەت ئەربابلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مائارىپ ھەرىكىتى بارلىققا كەلدى. بۇ جەرياندا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم كېچە-كۈندۈز دېمەستىن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، باشقا سەپداشلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈركىيە ۋە سىرتىدا قانۇنلۇق ھالدا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆۋەندىكى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقتى؛

 

1. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى (2006-يىلى 5-ئاينىڭ 24- كۈنى قۇرۇلغان) (سىياسىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل).

2. سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى (ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل).

3. ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى (تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل).

4. سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى (تەرجىمە ۋە نەشرىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل)

5. شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى.

6. ياش مائارىپچىلار (بۇ تەشكىلات 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى «يېڭى نەسىل ھەركىتى» دېگەن ئىسىم بىلەن تەستىقلىنىپ رەسمىي قۇرۇلدى) (ياشلار خىزمىتىگە مەسئۇل).

7. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى (Doğu Türkistan Platformu).

8. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى (2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى).

9. نۇزۇگۇم خانىملار مەدەنىيەت مەركىزى (2013-يىلى). (بۇ تەشكىلات (2017-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى» دېگەن ئىسىم بىلەن تەستىقلىنىپ رەسمىي قۇرۇلدى).

10. سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى (2016-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى).

 

    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تۈركىيەدە شەرقى تۈركىستان دەۋاسى كۈنسېرى كۈچىيىپ مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ غەيرىتى بىلەن يەنە «كوك ھىلال ئىنسانى ياردەم جەمئيىتى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مانا بۇ تەشكىلاتلار تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» (Doğu Türkistan Platformu) نىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ (بۇ بىرلىكتە باشقا قېرىنداش تەشكىلاتلارمۇ بار ئەلۋەتتە). ئىنشا ئاللاھ، پات يېقىندا خەلقئارا سىياسەت سەھنىسىدە ئېھتىياجىمىز بولغان ساھەلەر بويىچە يەنە بىر قانچە تەشكىلاتلىرىمىز قۇرۇلۇپ كام بولۇۋاتقان بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. ئەسلىدە، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنى رەسمىيەتلىرى ئاسىسى جەھەتتىن تەستىقلىنىپ بولغان بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە يەنە مۇشۇنداق ئېچىلىش مۇراسىمى ئارقىلىق خەلقىمىزگە بىلدۈرۈلۈشى مۇمكىن. خەلقىمىزگە مۇبارەك بولسۇن!.  

 

بۇ خەۋەر 1535 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2019 08:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق