خوڭكوڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

خوڭكوڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

خوڭكۇڭ ئەركىنلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭ ۋەزىيىتى قاتتىق كەسكىنلىشىپ، ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان.
خەۋەردە بۇ يەكشەنبە نامايىشنىڭ باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى، چۈن ۋەنشا يولىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچى خەلق ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ساقچىلار نامايىشچىلارغا كالتەك ئىشلەتكەندە نامايىشچىلارمۇ قوللىرىغا كالتەك ئېلىپ، ساقچىلارنىڭ خالىغانچە ئادەم ئۇرۇشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان، نەتىجىدە قاتتىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان. ساقچىلار نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.
خەۋردە يەنە يەكشەنبىدىكى توقۇنۇشتا 29 ئەر، 7 ئايال بولۇپ، جەمئىي 36 نامايىشچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 15 ساقچىنىڭ يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوختۇرخانا مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبە ئەتىگەندىن بۈگۈن ئەتىگەنگىچە 38 كىشى بالنسىتقا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، 17 يارىدار خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 905 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2019 13:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق