كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە

كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە

    2019- 07- 27.

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن.

    شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى (يەكشەنبە) كۈنىدىن باشلاپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق، قىيىنچىلىقى بولغان خەلقىمىزگە يەنە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ... قاتارلىق ياردەم بويۇملىرى تارقىتىشنى باشلىدى. بۇ ياردەم بويۇملىرى ھازىرمۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە داۋاملىق تارقىتىلىدۇ.

    ياردەم بويۇملىرىنى تارقىتىش ۋاقتى؛ ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن كەچ سائەت 5:00 كىچە.

    ياردەم بويۇملىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشى ئىقامەتنىڭ «تۈركىيەدە تۇرۇش ئىزىن كارتىسىنىڭ) كۆپەيىتمىسىنى، ئەگەر ئىقامىتى بولمىسا پاسپورت كۆپەيىتمىسنى ئېلىپ كېلىشى كەرەك.

    كەڭ خەلقىمىزنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مۇشۇنىڭدەك ھەر خىل ياردەم بويۇملىرى تارقىتىلىۋاتقان ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ياردەم بويۇملىرىنى تارقىتىش ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالغان يىراق- يېقىندىكى خەلقىمىزگە ئېغىر كۆرمەي ۋە سەل قارىماي خەۋەر قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ياردەم بويۇملىرى تارقىتىلىۋاتقان ئورۇنلار:

زەيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ ئۈستىدىكى مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشخانىسىدا تارقىتىلىدۇ.

ئالاقىلاشقۇچى كېرەم قارىم، يانفۇن نومۇرى: 05359342695

    ساڧاكۆي، سۇتۇق بۇغراخان ئوغۇللار قۇرئان كۇرسى. ئالاقىلاشقۇچى، نىمىتۇللا ھاجىم. يانفۇن: 05355996393

   سېلىمپاشا، سېلىمپاشا قۇرئان كۇرسىدا تارقىتىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن؛ شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

بۇ خەۋەر 2051 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2019 17:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق