كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياردەم تارقىتىش خىزمەتلىرى بۈگۈنمۇ داۋاملاشتى. ئىنشائاللاھ ئەتىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىشى مۇمكىن. ياردەمگە ئېھتىياجى بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ۋە باشقىلارغا خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۈگۈن يەنە ياردەم تارقىتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئىككى خىل ياردەم تارقىتىلدى.
1. مەلۇم ساندىكى ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ھەربىر كىشى ئۈچۈن 300 (ئۈچ يۈز) لىرالىق بىم كارتسى تارقىتىپ بېرىلدى. بۇ كارتىنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا، قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرگە ئايرىم خەۋەر قىلىنىپ تارقىتىپ بېرىلدى. كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
2. مەلۇم كىشىلەر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئاز بولسىمۇ دەپ نەق پۇل ياردەم قىلغان ئىكەن. بۇ پۇللارمۇ «شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە ئائىلە جەمئىيىتى» ۋاسىتىسى بىلەن نەق مەيداندا ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تارقىتىپ بېرىلدى.
ياردەم قىلغۇچى، سەۋەب بولغۇچى قاتارلىق بارلىق ياخشىلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

بۇ خەۋەر 1645 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2019 22:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق