كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە

 

   

13-ماي شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئىشخانىسىغا ياردەم بويۇملىرى يېتىپ كەلدى. بۇ ياردەم بۇيۇملىرى بۈگۈن سائەت 10:00 دىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىغان ئىدى، سائەت 15:00 بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇقېتىم كەلگەن ياردەم بويۇملىرى باشقا ۋاقىتتىكىدىن كۆپرەك ئىدى. ئەمما باشقا ۋاقىتتىكىلەردىن بۇرۇن تارقىتىلىپ بولۇندى. كۆپچىلىكنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ئەھۋالدىن قارىغاندا تۈركىيەدە ياشاۋاتقىلى بىر قانچە يىلدىن 15- 20 يىل بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە مائارىپ تەشكىلاتىنى بىلمەيدىغانلار، ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغانلار بار ئىكەن، ھەتتا «تەشكىلات»، «دەرنەك» دېگەن ئىسىمنى «ئۇ نېمە؟» دەپ سورايدىغان ھەمشەھەرلىرىمىزمۇ بار ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كېرەم قارىم، نىمەتۇللا ھاجىملار گەرچە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەخسۇس خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاجرىتىلغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ تېلېپون نومىرلىرىنى بىلمەيدىغان ھەتتا بۇلارنى تونۇمايدىغان كىشىلەر ھەم كۆپ ئىكەن. قىسقىسى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 12 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەر خىل ياردەم خىزمەتلىرىدىن ھەۋىرى يوق كىشىلەرمۇ كۆپكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەھۋاللارنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېغىر كۆرمەي ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان، ياردەم خىزمەتلىرىدىن خەۋەرسىز قالغان ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى بىلسە، ئۇلارغا ۋاقىت ئاجرىتىپ ياردەم قىلىپ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمز.

 

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

 

بۇ خەۋەر 1871 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2019 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق