خوش-خەۋەر

خوش-خەۋەر
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق قېرىنداشلار ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەلىم-تەربىيە بۆلۈمىمىز بىريىلدىن بىرى شەرئى بىلىم ۋە تىل تەربىيلەش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان دەرىسلەرنى تەسىس قىلدۇق ،بۇ دەرىسلىرىمىز ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىپ كەلگەن ، رامزانلىق دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىغا يېقىن ئوغۇل -قىزئوقۇغۇچىلارنى دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بەردۇق ، اللە خالىسا رۇزا ھېيىتتىن كىيىنلام بۇرۇنقى دەرىسلىرىمىز يەنە داۋاملىشىدۇ ، ۋە يەنە يازلىق تەتىللىك ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇۋاتقان ئوغۇل -قىز ئۇقۇغۇچىلار، (ئىمام خاتىپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )ۋە باشقا ئۇقۇماقچى بولغانلارغا دىنىي دەرىسلەر ،ۋەئەرەب تىلى دەرىسلىرىنى، ئورۇنلاشتۇردۇق ، شەرئىي بىلىم ۋە تىل جەھەتتە بىلىم ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلارنىڭ تىزىملىتىشىنى ئۈمىت قىلىمىز !
دەرىسنى پىشقەدەم ،تەجرىبىلك ۋەتەندە ۋە چەتئەلدە ئوقۇغان ۋە دەرىس ئۆگەتكەن ئەر-ئايال ئۇستازلار ئۆتىدۇ ، دەرىسلەر ھەقسىز!
مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئىستىقبالى ساغلام مائارىپتا ! ساغلام بولغان دىنى ،پەننى مائارىپىمىزنى قوللىماقچى ،قوغدىماقچى بولغانلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر !زىيارەت قىلىشىڭلارنى تەكلىپ بىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز !
دەرىس 6-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ ،
ھەر بەش ئۇقۇغۇچى يىغىلسا بىر دەرىس باشلاپ بىرىلىدۇ !
مەنزىل :ئىستانبۇل ساپاكۆي !
ئالاقە نۇمۇرى
ئوغۇللار 00905370152728
قىزلار؛ 00905375748669

 

بۇ خەۋەر 2176 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2019 11:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق