چاقماق خەۋەر

بۇ 1991-يىلى بولغان ۋەقە ئىدى

بۇ 1991-يىلى بولغان ۋەقە ئىدى

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

  

بۇ 1991-يىلى 2-ئاينىڭ باشلىرى بولۇپ، باي ناھىيەسىدىكى زەرگەرلىك دۇكىنىمدا ئىشلەۋاتاتتىم. مەن 1987-يىلى 3-ئايدا باي ناھىيەسىگە كەلگەن بولۇپ، دۇكىنىم باي ناھىيەسىدىكى يېڭى خانىقا مەسچىتىنىڭ دۇكانلىرىدىن بىرسى ئىدى. ئۇ يىلى مېنىڭ باي ناھىيەسىدىكى بەشىنچى يىلىم بولغاچقا، يىراق-يېقىندىن خېلى كۆپ چۆپقەت ۋە تونۇشلىرىم بار ئىدى.

ئېسىمدە قېلىشىچە سائەت 11 لەر بولغان ۋاقىت ئىدى، بىر ياش كىرىپ كەلدى. ئۇ باي ناھىيەسىنىڭ قارباغ دېگەن يېزىسىدىن بولۇپ، باي ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئىچىگە 80 كىلومېتىر كېلەتتى. بىز خېلى ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى تونۇشلاردىن بولغاچقا قىزغىن كۆرۈشتۇق. ئۇ بۇ قېتىم سەل خىيالچاندەك كۆرۈنەتتى. بىرئاز ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن: «دەيدىغان بىرەر گەپ بارمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ بىردەم خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى:

خىتايلار بىر-ئىككى يىل بۇرۇن قارباغ يېزا مەركىزىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر يايلاققا قوتان سېلىپ، چارۋا بېقىشقا باشلىغان ئىكەن. ئۇ جاينىڭ باشقا يەرگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى بولسا قوتان ۋە ئەتراپىدىكى بىر نەچچە ئېغىز ئۆي سېلىنغان بۇ ئورۇننى قوراللىق ئىككى ئەسكەر مەخسۇس باقىدىكەن. ئۇ جايغا ھەرقانداق ئۇيغۇرنى يېقىن كەلتۈرمەيدىغان بولۇپ، ھەتتا ئادەتتىكى خىتايلارنىڭ بېرىشىمۇ چەكلەنگەن ئىكەن.

ئۇ تونۇشۇمنىڭ چارۋىلىرى خىتاينىڭ چەكلەنگەن رايونىغا سەل يېقىنراق يەردە بولغاچقا، مال بېقىش ئۈچۈن بېرىپ-كېلىش جەريانىدا ئۇ ئىككى خىتاي ئەسكەر بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. تونۇشۇم ئۇلارغا بەزىدە تاماكا دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدىكەن. ئۇ خىتايلار بولسا بەزىدە چوڭ-كىچىك ماشىنىلارنىڭ چاقى (تاش كامىرى) دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەرزانلا سېتىپ بېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى بۇ تونۇشۇم خىتايلار قوتاندا بېقىۋاتقان نەرسىنى كۆرۈپتۇ. كۆرۈپتۇ-يۇ، ھەيران قاپتۇ. ئۇ خىتاي ئەسكىرىدىن ئۇنىڭ قانداق ھايۋان ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. بۇ تونۇشۇم ئادەتتىكى بىر مالچى بولۇپ، ئۆزى ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان گالۋاڭ قىياپىتىدە بولغاچقىمىكىن، ئۇ خىتاي ئەسكىرى تونۇشۇمغا ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.

خىتايلار ئەسلىدە بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قوي بىلەن تۇڭگۇزنى چاڭلاشتۇرۇپ تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بىر خىل ھايۋان يېتىشتۈرۈپ چىققان ئىكەن. خىتايلار قىلىۋاتقان بۇ تەجرىبىسىنى ناھايىتى مەخپىي تۇتقان بولۇپ، مۇشۇ تەجرىبىگە مەسئۇل ئاز ساندىكى خىتاي باشلىقلار بىلەن بىر نەچچە تەتقىقاتچىلىرىلا بىلىدىكەن. بۇ ھايۋان قارىماققا راستىنلا قويغا ئوخشايدىغان بولۇپ، قويدەك ئوت يەيدىكەن. ئەمما يېقىنراق كېلىپ قارىسا، تۇڭگۇزغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، قارىغان كىشى بىر قىسما بولۇپ قالىدىكەن. بۇ ھايۋان مېنىڭ تونۇشۇم كۆرگەن ۋاقىتتا ھەلەپ يەۋاتقان بولۇپ، تۇرۇپ-تۇرۇپلا تۇڭگۇزدەك قىلىق قىلىپ، تۇمشۇقى بىلەن ھەلەپنى تۈرتۈپ-تۈرتۈپ قويىدىكەن. ئۇ تونۇشۇم بۇ ھايۋانلارنى كۆرگەن ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 20-25 ئەتراپىدا ئىكەن.

مەن بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران قېلىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. شۇ كۈنى قولۇم تۈزۈك ئىشقا بارمىدى. ئەتىسى بىر تونۇشۇم بىلەن دەرھال كۇچارغا بېرىپ، كۇچارنىڭ ئىشخىل يېزىسىغا قاراشلىق ئۈستۈنكى بىجاقتىكى كېرەم داموللام (ئۇ ۋاقىتتا تېخى ھەج قىلمىغان ئىدى)نىڭ ئۆيىگە چىقىپ، ئاڭلىغان ئەھۋالنى تەپسىلىي ئېيتتۇق. كېرەم داموللام دىققەت بىلەن ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مەندىن: «ئۇ ھايۋان مەرەمدىكەن؟» دەپ سورىدى. مەن بۇ ئويلىمىغان سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي قالدىم. چۈنكى ئۇ تونۇشۇم ماڭا بۇ توغرۇلۇق بىر نەرسە دېمىگەن، مەنمۇ سورىمىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن كېرەم داموللام: «سىلەر ئۇ ھايۋاننىڭ مەرەيدىغان ياكى خورتۇلدايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ كېلىڭلار» دېدى. بىز سولىشىپ يېنىپ چىقتۇق. ئارىدىن بىر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ مالچى ياش بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئۇ كېتىپ، يەنە بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قايتا كەلدى ۋە ئۇ ھايۋانلارنى بىر نەچچە مىنۇت كۆزىتىشكە پۇرسەت بولغانلىقىنى، لېكىن بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ مەرىمىگەنلىكىنى، ئەمما بەزىدە توڭگۇزنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان خورتۇلدىغان ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رەڭگى ئاق بولۇپ، بىر قارىماققا مىتىس قويغا ئوخشاپمۇ كېتىدىغانلىقىنى، يەنە بىر قارىماققا باينىڭ يەرلىك قويلىرىغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ بۇرۇن بۇ گەپنى قىلمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە كۇچارغا كېلىپ، كېرەم داموللام بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى ئېيتتۇق. ئۇ كىشى گېپىمىزنى خۇددى بۇرۇنقىدەك دىققەت بىلەن ئاڭلىدى ۋە: «بىر نەرسە دەپ ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن قويدەك مەرىگىنىنى ياكى توڭگۇزدەك خورتۇلدىغىنىنى ئېنىق بىلىش كېرەك. ئاندىن تۇيۇقى ئاچىماقمىكەن ياكى توم تۇياقمىكەن؟ بۇنىمۇ ئېنىق بىلىپ كېلىڭلار» دېدى.

مەن باي ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ مالچى ياشنى جىددىي ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتتىم. بىرەر ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ قوتانغا بارغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىم ئەسكەرلەرنىڭ ئۇنى قوتاننىڭ يېنىغا كېلىشتىن توسقانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھايۋان توغرۇلۇق بىرەر مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدىم. شۇ يىلى 6-ئايدا دۇكىنىمنى كۇچارغا كۆچۈرۈپ كەلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مالچى ياش بىلەن مۇناسىۋىتىم ئۈزۈلدى. ئۇ ھايۋان توغرىلىق تەپسىلىيرەك ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىممۇ بولمىدى. بۇ ئەھۋالنى بىلىدىغان باشقا ئادەم بولمىغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇنتۇشقا مەجبۇر بولدۇم.

شۇنداق قىلىپ ئارىدىن 28 يىل ئۆتۈپ، بۇنىڭدىن ئىككى-ئۈچ كۈن بۇرۇن بىر ۋىدېئو كۆردۈم. بۇ ۋىدېئودىكى ھايۋاننىڭ قانداق ھايۋانلىقىنى، نەدىكى ھايۋان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ۋىدېئودا خۇددى 38 يىل بۇرۇن ئۇ مالچى ياش ماڭا تەسۋىرلەپ بەرگەندەك ھايۋاندىن بىر قوتاندا 8-10 ى بار ئىدى. مەن بۇ ھايۋانلارنى كۆرگەندىن كېيىن كاللامغا ئۆز ۋاقتىدا ئاڭلىغانلىرىم كەلدى.

يۇقىرىدا تىلغان ئالغان، خىتاي مەخپىي ھالدا باي ناھىيەسىنىڭ قارباغ يېزىسىدا تەجرىبە قىلىپ يېتىشتۈرۈۋاتقان ھايۋان ۋە بۇ ۋىدېئودىكى ھايۋاننىڭ قانداق ھايۋان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشنى ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەردارلارغا ھاۋالە قىلىمەن.

 

بۇ خەۋەر 185 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق