چاقماق خەۋەر

ھەسەن سابباھ

 ھەسەن سابباھ

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر 

 

ھەسەن سابباھ پەۋقۇلئاددە ئەقلى ئۆتكۈر، چېچەن، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ناھايىتى تېزلىكتە ھەل قىلالايدىغان بىر كىشى بولۇپ، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە سېھىرگەرلىككىمۇ ناھايىتى ئۇستا بىر ئادەم دەپ قارىلىدۇ. ھەسەن سابباھ ئەينى ۋاقىتتىكى «سۇيىقەستچىلەرنىڭ ئاتىسى» بولۇپ، تۇنجى قېتىم تېررورىستلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن كىشى بولۇش بىلەن تونۇلغان.

***********

ھەسەن سابباھنىڭ مىلادى 1046-يىلى ياكى 1053-يىلى ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئالىم كىشى بولۇپ، ئىمامىيە شىئە مەزھىپىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ ئوغلىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ پەلسەپە، كالام، مەنتىق، فىقھى، ئاسترونومىيە ۋە ئالىي ماتېماتىكا ئىلمىدە چوڭقۇر بىلىم ئېلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. ھەسەن سابباھنىڭ سەلچۇق خانلىقىنىڭ ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك (1018-1092) بىلەن ئۆمەر ھەييام (1048-1131)نىڭ دوستى ئىكەنلىكى ۋە بىرلىكتە مۇۋەففەق لىدىنىللاھ ئەننىسابۇرى (933-1014) ئىسىملىك ئالىمدا ئوقۇغانلىقى يېزىلغان. بۇلار ئۆزئارا «ئەگەر ئىچىمىزدىن كىم ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانسا ھەم مال- دۇنيا ئىگىسى بولسا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمىز» دەپ قەسەم قىلىشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. نىزامۇلمۈلك سەلچۇق خانلىقىنىڭ ۋەزىرى بولغاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ھەسەن سابباھنى ئۆز يېنىغا تارتقان. ئەمما ئۇ كېيىن نىزامۇلمۈلكنىڭ ۋەزىرلىك ئورنىغا كۆز تىككەن بولۇپ، بۇنى سېزىپ قالغان نىزامۇلمۈلك ئۇنى ئوردىدىن قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەسەن سابباھ مىسىرغا قاچقان. ئەمما نىزامۇلمۈلك بىلەن ھەسەن سابباھنىڭ ياش پەرقىنى ھېسابلىغاندا ئوخشاش بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى ئېھتىمالدىن يىراقتۇر.

ھەسەن سابباھنىڭ تالانتى ۋە ئىلىمگە بولغان قىزىقىشى يەتتە يېشىدىن باشلاپلا نامايان بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ بىر دىنىي ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆز دەۋرىدە دىنىي دەۋەتچىلەرنىڭ مۇھىم پائالىيەت قىلىش مەركىزىگە ئايلانغان رەي شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە 17 يېشىغىچە ئائىلىسى تەۋە بولغان ئىمامىيە شىئە مەزھىپىگە ئەگىشىپ ياشايدۇ.

ئۇ بىر كۈنى فاتىمى مەزھىپىدىكى ئەمىرە زەرراب ئىسىملىك بىر تاغىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە كىرىدۇ. 1072-يىلى ئىراق رايونىنىڭ باش دائىسى (ئىسمائىلىيە مەزھىپىدە دەۋەت ئۈچۈن تەيىنلىگەن كىشىگە بېرىلىدىغان نام-ت) ئىبن ئاتتاش رەي شەھىرىگە كېلىدۇ. ئۇ ھەسەن سابباھنىڭ قابىلىيەتلىك بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا فاتىمىيە خەلىپىسى مۇستانسىر بىللاھ (1029-1094)نىڭ يېنىغا بېرىپ، دارۇل ھېكمەدە ئوقۇپ، ئىسمائىلىيە مەزھىپى توغرىلىق بىلىم ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ھەسەن سابباھ بۇ تەۋسىيەنى قوبۇل قىلىپ، 1072-يىلى ياكى 1075-يىلى ئىبن ئاتتاشنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىسپاھان رايونىدا ئىككى يىل تەبلىغ-دەۋەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان، مۇسۇل، سىنجار، دەمەشىق...لاردىن ئۆتۈپ مىسىرغا بارىدۇ. ئۇ 1078-يىلى قاھىرەگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە باش دائى ئەبۇ داۋۇد تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ. كېيىن خەلىپە مۇستانسىر بىللاھ بىلەن كۆرۈشىدۇ. مۇستانسىر بىللاھ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى قىلىدۇ ۋە كېيىنچە ئۇنىڭ خۇراسان تەۋەسىدە ئۆز نامىغا خەلققە ۋەز ئېيتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ھەسەن سابباھ مۇستەنسىر بىللاھنىڭ ئۆزىدىن كېيىن تەخت ۋارىسى قىلىپ تەيىنلىگەن نىزارنىڭ خەلىپە بولۇشىنى، ۋەزىر ۋە باش قوماندان بەدىر ئەلجامالى بولسا كىچىك ئوغلى ئەھمەد ئەلمۇستەلىنىڭ خەلىپە بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بەدىر ئەلجامالى ئۆزىنىڭ پىلانىغا قارشى چىققان ھەسەن سابباھنى باشتا زىندانغا تاشلايدۇ، كېيىن دۆلەتتىن سۈرگۈن قىلىدۇ. ئۇ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 1081-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. ھەسەن سابباھ شۇنىڭدىن كېيىنكى توققۇز يىلدا پۈتۈن ئىراننى ئايلىنىپ، «باتىنىيلىق»(الباطنية)نى تەرغىپ قىلىدۇ. ئۇ كېيىن دىققىتىنى ئىراننىڭ شىمالىغا، ھازار دېڭىزى ساھىللىرىغا، گىلان، مازاندىران ۋە دەيلەمنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا قارىتىدۇ. بۇ جايدا ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالغان جەڭگىۋار بىر مىللەت ياشايدىغان بولۇپ، ئىراننىڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمدارلىرى بۇ خەلقنى ھېچقاچان بويسۇندۇرالمىغان ئىدى. ھەسەن سابباھ بۇ جايدا ئۈچ يىل تىرىشىپ، شىئە مەزھىپىنىڭ ئىسمائىلىيە پىرقىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھەسەن سابباھنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرغان سەلچۇق خانلىقىنىڭ ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك رەي شەھىرىدىكى خادىملىرىغا ئۇنى تۇتۇش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئەمما ھەسەن سابباھ كازۋىنگە قېچىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىن رۇدبار ۋادىسىدا «بەلدەتۇل ئىقبال» دەپ ئاتالغان ئالامۇت قەلئەسىگە ئورۇنلىشىدۇ.

ئالامۇت قەلئەسى ئىككى مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇستەھكەم تاغ چوققىسىغا جايلاشقان، پۈتۈن ئەتراپنى كۆزەتكىلى بولىدىغان، يوللىرى ئەگرى-بۈگرى، تىك، ھەرقانداق كۈچلۈك قوشۇننىڭ ئېلىشى قىيىن، ئەمما مۇداپىئە قىلىشقا بەكمۇ ئەپلىك بىر قەلئە ئىدى. بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، بۇ قەلئە دەيلەم ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرسى ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، يەنە بىر ئىسمى «قۇش (بۈركۈت) قەلئەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى قەلئەنى سالماقچى بولغان پادىشاھ قۇشىنى ئۇچۇرغان. قۇش ئۇچۇپ ئاشۇ ئېگىز تاغ چوققىسىغا قونغان. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ئۇ چوققىغا «قۇش قونغان چوققا» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغان «ئالامۇت قەلئەسى»نى سالغان ئىكەن.

ھەسەن سابباھ بۇ قەلئەگە كۆز تىككەن ۋاقىتتا قەلئەنىڭ ئىگىسى ئەلەۋى مەھدى ئىسىملىك بىر ھۆكۈمدار ئىدى. ھەسەن ساببا قەلئەنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى مەخپىي تەييارلىق قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەسەن سابباھ 1090-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالامۇت قەلئەسىنى تارتىۋالىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەسەن سابباھ ئىراندا نىزارى-ئىسمائىلىيە (1124-1090، Nizârî-İsmâilî) دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ قەلئەنىڭ مۇداپىئەسىنى ئىنتايىن مۇستەھكەم شەھەر سېپىللىرى بىلەن كۈچەيتىپ، ئامبارلىرىنى ئاشلىقلار بىلەن تولدۇرىدۇ. ھەسەن سابباھ شۇنىڭدىن كېيىن ئالامۇت قەلئەسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەركىزى قىلىپ تۇرۇپ، بارلىق ھەرىكەتلىرىگە قوماندانلىق قىلىدۇ.

مۇستەنسىر بىللاھ ئۆلگەندىن كېيىن 1094-يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا ئەفدال ئىبنى بەدىر ئەلجامالى ۋە باشقا دۆلەت كاتتىلىرى قوللايدىغان مۇستالى بىللاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ. ھەسەن سابباھ تاكى ئۇ كۈنگىچە مۇستەنسىر بىللاھنى ھىمايە قىلاتتى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى قاتتىق نارازى بولىدۇ ھەمدە مۇستەنسىر بىللاھنىڭ ئوغلى تەخت ۋارىسى نىزارنى قەتئى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ ۋە ئۇنىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇتىدۇ. ھەتتا نىزارنى ياكى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىرەرسىنى ئالامۇت قەلئەسىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن «پىدائى» دەپ نام بەرگەن مۇرىتلىرىدىن بىر نەچچىنى مىسىرغا ئەۋەتىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ ئىسمائىلىيە پىرقىسى مۇستەنسىر بىللاھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن نىزارىيە ۋە مۇستالىيە دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. ھەسەن سابباھ فاتىمىيە سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تامامەن ئۈزىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن شەرقتە «نىزارى ئىسمائىلىيە» (ئەلئىسمائىلىيەتۇل جەدىدە) پىرقىسىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئالامۇت قەلئەسىدىكى قارارگاھىدا تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

ھەسەن سابباھ نىزارىيە پىرقىسىنىڭ سادىق پىدائىيلىرىنىڭ فاتىمىيە پىرقىسىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈشىنى بىر دىنىي ۋەزىپە ۋە بىر پىرىنسىپ ھالىغا كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇشنى چەكلەيدۇ. مۇرىتلىرىنى ئوقۇشسىز، ئىلىمسىز قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا ئاللاھ ئەقىل ۋە چۈشەنچە بىلەن ئەمەس، بىر ئىمامنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن تونۇلىدۇ. يەنى ئەقىل ئاللاھنى بىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولسا ئىدى، ھەممە ئادەم ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلار ھەر دەۋردە ئاللاھنى تونۇش ئۈچۈن بىر ئىمامنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ ھەسەن سابباھنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى ئىدى.

ھەسەن ساھبباھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ بۇ چۈشەنچىسىدە ناھايىتى چوڭقۇر ھېكمەت بار، دەپ ئويلايدۇ. ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىنسانلار مەدھىيە ئوقۇغاندا تەرغىب-تەلىماتلىرىنى قارىسىغا ئەمەس، ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئەقىدىلىرىنى باشتا كىشىلەر ئادەتلەنگەن ئۇسۇل بىلەن تەرغىپ قىلغان بولسا، كېيىنچە مۇرىتلارنىڭ دەرىجىلىرىگە قاراپ تەرغىپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئايرىم-ئايرىم ئېتىقاد ۋە مەزھەپلىرى بار ئىدى.

ھەسەن سابباھ ئەتراپىدىكى ئىنتايىن قالايمىقان ۋە ھەرخىل بۇزۇق ئېتىقادتىكى كىشىلەرگە خىزمەت ئىشلەپ، ئۆز ئەتراپىغا ئويۇشتۇرۇپ، بۇلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە تەشكىلات ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ئاساسەن «سابباھىيە» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، پىلانلىق ھەرىكەت قىلىدىغان، ئەزالىرى مىسلىسىز دەرىجىدە زەربىدار ھەم قاتتىق ئىنتىزامچان ئىدى. تەشكىلاتقا پىدائىي تاللاشتا ئاسان كۆزگە چېلىقىدىغان ياكى بويى ئېگىز، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس، كىشىلەر دىققەت قىلمايدىغان، قىياپىتى ئادەتتىكىچە كىشىلەر ئىچىدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ چىقاتتى. تاللانغان پىدائىيلار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىدىكى ئېغىر مەشىق ۋە كۆزىتىشلەردىن كېيىن ئاندىن تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىناتتى. پىدائىيلار تەشكىلاتقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن مەخسۇس ياسالغان ئالاھىدە ئۆتكۈر خەنجەر بىلەن قوراللاندۇرۇلاتتى. ھەسەن سابباھنىڭ يېقىن مۇرىتلىرى ۋە پىدائىيلىرى ئۇنىڭغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەگەشكەن بولغاچقا، ئىنتايىن سادىق ۋە ۋاپادار ئىدى. ئۇنىڭ پىدائىيلىرى بەڭ (نەشە) چېكىدىغان بولغاچقا، تارىختا «بەڭگىلەر» (ھاششاشىلەر؛ haşşâşûn/haşşâşîn) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ياۋروپا تىلىدا «بەڭگى» سۆزى (assassin؛ سۇيىقەستچى، يوشۇرۇن قاتىل) مەنىسىدە قوبۇل قىلىنغان. ھەسەن سابباھ شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەشكىلاتىغا تايىنىپ، ھەتتا پادىشاھ، سۇلتانلارنىڭ يۈرىكىدىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان بىر كۈچ بولۇپ تونۇلىدۇ.

 شۇنداق قىلىپ باتىنىيلىق ھەسەن سابباھ بىلەن يېڭى بىر سالاھىيەتكە ئېرىشىدۇ. دىنىي تەبلىغچىلەرنىڭ ئورنىنى داۋاملىق بەڭ چېكىدىغان، ئۆتكۈر خەنجەر بىلەن قوراللانغان مەخپىي قاتىللار ئىگىلەيدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە ھەسەن سابباھنىڭ قەلئەگە يانداش قىلىپ بىر «جەننەت» ياساتقانلىقى، خىزمەت كۆرسەتكەن پىدائىيلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا جەننەتنى ۋەدە قىلىدىغانلىقى، پىدائىيلار ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەڭ ۋە سېھىرنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزلىرىنى مەلۇم ۋاقىت «جەننەت»تە كۆرىدىغانلىقى، ئۇلار خىيالىدىكى جەننەتتىن چىققاندىن كېيىن ھەسەن سابباھقا تېخىمۇ سادىق بولۇپ كېتىدىغانلىقى، جەننەتتە مەڭگۈ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى، ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىنمۇ تېزراق ئۆلتۈرۈلۈش ئۈچۈن، قاچماي ئاساسەن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

ئەھلى سەلپ قوشۇنى ئىسلام دۇنياسىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ھەسەن سابباھ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىر قوماندانىنى ئالامۇت قەلئەسىگە تەكلىپ قىلغان. ئۇ قوماندان قەلئەنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ھەسەن سابباھ بىر قانچە پىدائىيسىنى قەلئەدىن سەكرەشكە بۇيرىغان. پىدائىيلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۆزلىرىنى كۆز يەتكۈسىز ھاڭغا ئاتقان. بۇنى كۆرگەن ئەھلى سەلپ قوشۇنىنىڭ قوماندانى قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن ۋە ۋەھىمە ئىچىدە قالغان، دېگەن رىۋايەتمۇ بار. ھەسەن سابباھ ئۆز پىدائىيلىرىنى مانا مۇشۇنداق قورقۇمسىز، جەڭگىۋار ۋە ئۆزىگە چەكسىز سادىق قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان.

نىزارىي ئىسمائىلىيەلىكلەرنىڭ غايىسى ئەسلىدە دىنىي بولۇشتىنمۇ بەكرەك سىياسىي ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى خەلققە مەجبۇرىي تېڭىپ، يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇن ۋە سىياسىي تۈزۈمنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلاتتى. يەنە بەزى كىشىلەرنى تەھدىت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەزھىپىگە كىرىشكە مەجبۇرلايتتى. ئۇلار بۇ مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن قۇرغان تەشكىلات ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پىدائىيلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن كۆپلىگەن دىنىي ئالىم ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سەلچۇق خانلىقىنىڭ سۇلتانى مەلىكشاھ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەن ھەسەن سابباھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشنى دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىپ بېكىتىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن نىزامىيە مەدرىسەسى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىلمىي ساھەدە كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قوماندان يورۇنتاشقا ھەسەن سابباھ ۋە ئادەملىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئەمما يورۇنتاش ئالامۇت قەلئەسىنى مۇھاسىرىگە ئالغان بىر پەيتتە 1091-يىلى ۋاپات بولۇپ، بۇ ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىز قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مەلىك شاھ قوماندانلىرىدىن ئەمىر ئارسلانتاش بىلەن ئەمىر قولتاشنى چوڭ بىر قوشۇن بىلەن ھەسەن سابباھنى يوقىتىشقا ئەۋەتىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا سەلچۇق خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك ھەسەن سابباھنىڭ ئەبۇ تاھىر ئاررانىي ئىسىملىك بىر سۇيىقەستچى پىدائىيسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئارقىدىنلا سۇلتان مەلىكشاھمۇ 1092-يىلى سىرلىق ھالدا ئۆلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۇلتان مەلىكشاھ تېخى 38 ياشتا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەسەن سابباھنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

سۇلتان مەلىكشاھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن سەلچۇق خانلىقىنىڭ خان جەمەتى ئىچىدە تەخت تالىشىش ئۇرۇشى باشلىنىپ، دۆلەت ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. دەل بۇ ۋاقىتتا ياۋروپانىڭ ئەھلى سەلپ قوشۇنى ئىسلام دۇنياسىغا بېسىپ كىرىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقنى پۇرسەت بىلگەن ھەسەن سابباھ پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە سۇيىقەستلىرىنىمۇ كۆپەيتىدۇ.ئۇ  1096-يىلى بىر ھۇجۇم بىلەن لەمەسەرنى بېسىۋالىدۇ. بۇ غەلىبە ھەسەن سابباھ ئۈچۈن مۇھىم بىر غەلىبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ غەلىبىنىڭ سايىسىدا رۇدبار (تېھرانغا 268 كىلومېتىر كېلىدۇ)دىكى ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. ئۇلار ئارقىدىنلا گىرىدكۇھ، شاھدىز ۋە خالىنجان قەلئەلىرىنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن تارتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باتىنىي تەرىقىتىنىڭ تەسىرى بىردىنلا كۈچىيىپ كېتىدۇ. ھەسەن سابباھ ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن مۇھىم شەھەرلەرنى ئۆز تەسىرى دائىرىسىگە ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ۋە سەلچۇق خانلىقىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى شەھەرلىرىنى ئۆزىنىڭ باتىنىي تەرىقىتىنىڭ تەشۋىق-تەرغىباتلىرى ئارقىلىق قاتتىق بېسىم ئاستىغا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، پىدائىيلىرىنى ئەۋەتىپ، ھەر كۈنى بەش-ئون مۇسۇلماننى ئۆلتۈرىدۇ.

سەلچۇق خانلىقىنىڭ يېڭى سۇلتانى بېركيارۇق باتىنىي تەرىقىتىگە قارشى بىر كىشىنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە پىدائىيلىرىنى يوللايدۇ. نەتىجىدە سۇلتان بېركيارۇق يارىلىنىپ، تاسادىپىي قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ھەسەن سابباھنىڭ پىدائىيلىرى گويا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ئىدى. ئالدى بىلەن مەخسۇس تەربىيەلەنگەن ئالاھىدە جاسۇسلىرى ئارقىلىق نىشان توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولاتتى. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيى، ياتىدىغان ئورنى، ماڭىدىغان يوللىرى، ھەتتا كىيگەن زەنجىرلىك كىيىمىنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسىنىڭ نەرىدە ئىكەنلىكىگىچە ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سۇيىقەستكە ئۇچرىغۇچى پىدائىيلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىغان ۋاقتى ئۆلگەن ۋاقتى، ئاخىرقى قېتىم كۆرگىنى ئۆزىگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان ئۆتكۈر خەنجەرنىڭ چاقنىشى بولاتتى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بېركيارۇق بىلەن مۇھەممەد تاپارنىڭ ئارىسىدا يەنە تەخت تالىشىش كۈرىشى باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلانغان ھەسەن سابباھنىڭ پىدائىيلىرى بېركيارۇقنىڭ ئوردىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئوردا ئىچىدە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەسەن سابباھنىڭ سەلچۇق خانلىقىنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە لەشكىرىي جەھەتتىكى ئاساسلىق دۆلەت ئەربابلىرى ۋە قوماندانلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشى بىر تېرور مۇھىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوردىغا يىغىلغان ۋەزىر-ۋۇزرالار بىر-بىرىدىن گۇمان قىلىدىغان، ئەنسىرەيدىغان ئاجايىپ بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ھەسەن سابباھقا قارشى ئەمىر ۋە قوماندانلار كىيىملىرىنىڭ ئىچىگە ساۋۇت (تۆمۈر ياكى زەنجىرلىك كىيىم) كىيمەي تۇرۇپ ئۆيلىرىدىن چىقالماس بولۇپ قالىدۇ. ئۆز دەۋرىدە ھەسەن سابباھنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىگە گۇۋاھچى بولغان ئەنۇشرىۋان (1066-1138 سەلچۇق خانلىقى ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ۋەزىرى) ئۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ: «مۇسۇلمانلار قورقۇنچلۇق بىر پالاكەتكە يولۇقتى، يوللار ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ قالدى. ھەسەن سابباھنىڭ پىدائىيلىرى قىلچە قورقماستىن جىنايەت سادىر قىلاتتى، كىشىلەر داۋاملىق ئۇلاردىن قورقۇپ ۋەھىمە ئىچىدە ياشايتتى. سۇلتانلار ئۇلارغا قارشى ئامالسىز قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا سۇلتان بېرك يارۇقنىڭ باتىنىي تەرىقىتىنى يوقىتىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلگەن بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي دۈشمەنلىرىنى سۇلتانغا پالانچى باتىنىي تەرىقىتىدىن، دەپ چېقىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇشاتتى» دەپ يازغان.

ھەسەن سابباھنىڭ پىدائىيلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ تېرورلۇق ۋەزىيىتىدىن قورقۇپ كەتكەن دۆلەت رەھبەرلىرى سۇلتان بېرك يارۇققا كېچىكتۈرمەي تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى، ئۇنداق بولمىغاندا ئورنىنى تولدۇرۇش قىيىن بولغان زىياننىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان بېرك يارۇق 1101-يىلى باتىنىي تەرىقىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، 300 كىشىنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خەلىپە مۇستازھىر بىللاھ (1078-1118، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 28-خەلىپىسى)قا خەۋەر يوللاپ، باغداتتىكى باتىنىي تەرىقىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ شۇ يىلى ئەمىر بوزقۇشنى قول ئاستىدىكى چوڭ بىر قوشۇن بىلەن كۇھىستانغا يوللايدۇ. ئەمما باتىنىي تەرىقىتىنىڭ مۇرىتلىرى ئەمىر بوزقۇشقا پارا بېرىپ، مۇھاسىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇزىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەمىر چاۋلىمۇ پارس ۋە ھۇزىستاندىكى باتىنىي تەرىقىتىگە قارشى قوشۇن تارتىپ بېرىپ، 300 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. 1104-يىلى ئەمىر بوزقۇش خۇراسان ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىختيارىي پىدائىيلاردىن تەركىب تاپقان بىر قوشۇن بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ، تابېس قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئەتراپتىكى باتىنىي تەرىقىتىنىڭ بىر قىسىم مۇرىتلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىر قىسىملىرىنى ئەسىرگە ئالىدۇ.

سۇلتان بېركيارۇقتىن كېيىن سۇلتان مۇھەممەد تاپار تەختكە چىقىدۇ. ھەسەن سابباھنىڭ پىدائىيلىرى سۇلتان مۇھەممەد تاپار دەۋرىدىمۇ جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۇلتان مۇھەممەد تاپار ھەسەن سابباھقا قارشى كۈرەش قىلىشنى كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىنمۇ مۇھىم ھەم يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ ۋە ھەسەن سابباھقا قارشى كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئۇ دەسلەپكى قەدەمدە شاھدىز قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇرۇشتىن كېيىن قەلئەگە بېسىپ كىرىدۇ. بۇ غەلىبە مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى چوڭ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ھەر تەرەپكە فەتھىنامىلەر ئەۋەتىلىدۇ. 1111-يىلى ئەمىر ئانۇشتېگىن شىرگىت ھەسەن سابباھتىن بىرە قەلئەسىنى تارتىۋالىدۇ. سۇلتان مۇھەممەد تاپار يەنە ھەلەپ رايونىنىڭ ھۆكۈمدارى ئالپ ئارسلان ئەلئاھراس بىلەن رېئىسۇلاداش سائىدتىن شەھەردىكى باتىنىي پىرقىسىنىڭ مۇرىتلىرىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 1113-يىلى ھەسەن سابباھنىڭ سۇرىيەدىكى مۇرىتلىرىدىن ئەبۇ تاھىر ئەسسائىغ، ئىسمائىل ئەددائى ۋە ھاكىم ئەلمۇنەججىمنىڭ قېرىندىشى قاتارلىق كۆپلىگەن باتىنىي پىرقىسىنىڭ مۇرىتلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ.

سۇلتان مۇھەممەد تاپار كېيىن ئالامۇت قەلئەسىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەمىر ئانۇشتېگىن شىرگىرنى باش قوماندان قىلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئانۇشتېگىن 1117-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى لەشكەرلىرى بىلەن يولغا چىقىپ، ئالامۇت قەلئەسىنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. بۇ مۇھاسىرە 1118-يىلى 4-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھەسەن سابباھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاچلىقتىن تۈگىشىپ كېتىدۇ. قەلئە ئېلىنىپ، پىتنە-پاساتنىڭ ئۇۋىسى ۋەيران بولاي دېگەندە، سۇلتان مۇھەممەد تاپارنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەر مۇھاسىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىسپاھان شەھىرىگە قايتىپ كېتىدۇ.

سۇلتان مۇھەممەد تاپار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئورنىغا سۇلتان سەنجەر (1085-1157) تەختكە چىقىدۇ. سۇلتان سەنجەرمۇ ھەسەن سابباھقا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما ھەسەن سابباھ پىدائىيلىرى ئارقىلىق بىر كېچىسى سۇلتان سەنجەرنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىغا بىر خەنجەرنى سانجىپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋل سۇلتان سەنجەرگە: «ئەگەر ھەددىڭنى بىلمىسەڭ مەن سېنى خالىغان ۋاقىتتا ئۆلتۈرەلەيمەن» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن سۇلتان سەنجەر ھەسەن سابباھتىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم شەرتلەر بىلەن ئامانلىق بېرىدۇ.

ھەسەن سابباھ پەۋقۇلئاددە ئەقىللىق، ئالاھىدە تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە، ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۆلچەملىك بىر كىشى ئىدى. قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ياخشى، ئەتراپىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان، مىسلىسىز زەربىدار پىدائىيلىرى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان ناھايىتى ياخشى جاسۇسلۇق تورى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ۋە ئېتىقاد دۇنياسىغا ھۆكۈمران بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ھەسەن سابباھ 1124-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 74 يېشىدا توختاۋسىز 35 يىل ھەرىكەت قىلغان ئالامۇت قەلئەسىدە ئۆلىدۇ.

ئىسمائىلىيە پىرقىسى تەرەپدارلىرى ھەسەن سابباھقا «جاپاكەش، قانائەتچان، ئەستايىدىل بىر كىشى ئىدى» دەپ باھا بېرىدۇ. ئۇلار بۇ گېپىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەسەن سابباھنىڭ بىر ئوغلىنى ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن، يەنە بىر ئوغلىنى بولسا ھۈسەيىن كائىنى(؟) جىنايىتىنىڭ جاۋابكارى دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

ھەسەن سابباھ ئۆلگەندىن كېيىن ئالامۇت قەلئەسىنى مەركەز قىلغان نىزارىي ئىسمائىلىيە دۆلىتى ياكى ئۇنىڭ ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ باتىنىي پىرقىسى پائالىيەت ۋە قەستلەشلىرىنى خۇددى ھەسەن سابباھ ھايات ۋاقتىدىكىدەكلا داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەسەن سابباھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققانلاردىن بىرسى بولغان سىناننىڭ ھەتتا سالاھىدىن ئەييۇبىي (1138-1193 ئەييۇبىي خانىدانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى)نى قەستلەش بىلەن قورقۇتقانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق رىۋايەت تارقالغان:

سالاھىدىن ئەييۇبىي مىسىر، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شىئە مەزھىپىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ كۈچەيگەندىن كېيىن، ئەييۇبىي خانىدانلىقىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھەسەن سابباھ ۋە ئۇنىڭ باتىنىي پىرقىسىگە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىنان پىدائىيلىرى ئارقىلىق مەلۇم بىر كېچىسى سالاھىدىن ئەييۇبىينىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىغا بىر خەنجەرنى سانجىپ قويىدۇ. خەنجەرنىڭ ئۇچىدىكى خەتتە: «بىز خالىساق بۇ خەنجەر يۈرىكىڭگە سانجىلغان بولاتتى، ھەددىڭنى بىلمىسەڭ جېنىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا» دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن سالاھىدىن ئەييۇبىي بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. سىنان ئىككىنچى قەدەمدە سالاھىدىن ئەييۇبىيغا بىر ئەلچىسىنى ئەۋەتىدۇ. ئەلچى بېرىپ سالاھىدىن ئەييۇبىيغا: «مەن گېپىمنى پەقەت ساڭىلا دەيمەن» دەيدۇ. سالاھىدىن ئەييۇبىي ئوردىسىدىكى بارلىق ئادەملىرىنى چىقىرىۋېتىپ، يېنىدا پەقەت ئىككى قوغدىغۇچىسىنى ئېلىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەلچى: «بۇلار كىم؟» دەپ سورايدۇ. سالاھىدىن ئەييۇبى: «بۇلار مېنىڭ ئوغۇللىرىمغا ئوخشاش ئىشەنچلىك، ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم» دەپ جاۋب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەلچى سالاھىدىنغا: «ئۇنداق بولسا سەن ئۇلارغا مېنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىل» دەيدۇ. سالاھىدىن ئەييۇبىي ئۇ ئىككى مۇھاپىزەتچىسىگە ئەلچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەمما مۇھاپىزەتچىلەر ئورنىدىن مىدىرلىمايدۇ. سالاھىدىن ئەييۇبىي ھەيران قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەلچى ئۇ ئىككى مۇھاپىزەتچىگە سالاھىدىن ئەييۇبىينى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلىدۇ. ئۇ ئىككى مۇھاپىزەتچى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان شارتتىدە قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، سالاھىدىن ئەييۇبىينىڭ بوينىغا تەڭلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەلچى ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغان سالاھىدىن ئەييۇبىيغا قاراپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرى بىلەن قارشىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

كېيىن ئەھلى سەلپ قوشۇنىنىڭ كوڭرات ئىسىملىك داڭلىق بىر پادىشاھى باتىنىي پىرقىسىنىڭ بىر يۈك كېمىسىنى مۇسادىرە قىلىپ، كېمىدىكىلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. بۇ ئىشقا ئاچچىقى كەلگەن سىنان كوڭراتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى پىدائىي ئەۋەتىدۇ. بۇلار خرىستىيان دىن تارقاتقۇچى پوپلارنىڭ قىپايىتىگە كىرىپ، كوڭراتنىڭ لەشكىرى چېدىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ. بۇلار بىر كۈنى كېچىدە پادىشاھ كوڭرات بىر دوستىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، ئۆز ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا ئالدىغا كېلىپ سالام بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر پوپنىڭ قولىدىكى نەرسە يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ. كوڭراتنىڭ دىققىتى ئۇ نەرسىگە بۇرالغان ۋاقىتتا پىدائىيلار ئارقا-ئارقىدىن خەنجەر ئۇرۇپ، كوڭراتنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئەھلى سەلپ قوشۇنى ۋە پادىشاھ، قوماندانلىرى ئىچىدىمۇ ۋەھىمە پەيدا بولۇپ، باتىنىي پىرقىسىدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ھەسەن سابباھ ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئىسمىغا ئاساسەن «سابباھىيە» دەپ نام قويغان بۇ تەشكىلاتى، شۇنداقلا تەشكىلاتىنىڭ بەڭگىلەر (ھاششاشىلار) دەپ ئاتالغان پىدائىيلىرى گەرچە ئىنتايىن ئىنتىزامچان، مىسلىسىز دەرىجىدە جەڭگىۋار بولسىمۇ، ئۆز دەۋرىدىكى قانۇن-سىستېمىلارنى (يەنى دۇنيا تەرتىپىنى) ئۆزگەرتىش نىشانىغا يېتەلمەيدۇ. ھەسەن سابباھ ئەينى ۋاقىتتا بىر مۇتەپەككۇر ۋە يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى موڭغۇللار 1256-يىلى ئالامۇت قەلئەسىنى ۋەيران قىلغاندا يوقىلىپ كېتىدۇ.

ئەسەرلىرى:

1. «سەرگۈزەشتى سەييىدىنا» (Sergüzeşt-i Seyyidinâ)، ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى. بۇ ئەسەرنىڭ يازما نۇسخىسى ھازىر تېھراننىڭ مەركىزى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

 2. «ئەلفۇشۇلۇل ئەربائا» (el-Fuṣûlü’l-erbaʿa). ئەسلى پارسچە بولغان بۇ ئەسەرنىڭ كىچىك بىر بۆلۈمى زامانىمىزدا شەھرىستانى تەرىپىدىن ئەرەبچىگە، ھودگسون تەرىپىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

 3. «جاۋابى ھەسەن سابباھ بەرىكائى سۇلتان جالالىددىن مەلىكشاھى سەلچۇقى» (Cevâb-ı Ḥasan Ṣabbâḥ be-Riḳʿa-i Sulṭân Celâleddîn Melikşâh-ı Selcûḳī). ھەسەن سابباھنىڭ سۇلتان مەلىكشاھقا يازغان جاۋاب خەتلىرى.

4. «مۇناجات» (Münâcât). بۇ كىتابنىڭ يازما نۇسخىسى ھازىر دۈشەنبە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ «فۇشۇلى مۇبارەكە» (Fuṣûl-i Mübâreke) ئىسىملىك بىر كىتابىنىڭ بارلىقى دېيىلگەن.

كۆپلىگەن پادىشاھ، قوماندانلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ھەسەن سابباھنىڭ ئالامۇت قەلئەسىنى 170 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىمۇ ئالالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ تارىخ داۋاملىشىپ، موڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرىگە كېلىدۇ. 1256-يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى، ئىلخانى خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ھىلاكۇخان (1218-1265) بېسىپ كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالامۇت قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما ئاجايىپ سىرلار بىلەن تولغان ئالامۇت قەلئەسىنىڭ سېپىللىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم، مۇداپىئەسى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغاچقا، ھېچنېمە قىلالمايدۇ. داۋاملىق غەلىبە قىلىپ، جاھاننى يالماپ-يۇتۇپ كېلىۋاتقان موڭغۇل قوشۇنى ئەگەر ئالامۇت قەلئەسىنى ئالالمىسا، ھەيۋىتى يەرگە ئۇرۇلۇپ، شانىغا داغ چۈشەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىلاكۇخان ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، ئالامۇت قەلئەسىنى چوقۇم ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇ نۇرغۇن ئويلىنىش ۋە تەييارلىقلاردىن كېيىن گىرېتسىيەدىن نېفىت ئېلىپ كېلىپ، ئالامۇت قەلئەسىنىڭ ئاستىغا يەر ئاستى يولى قېزىپ چىقىپ، بۇ بوشلۇقنى نېفىت بىلەن تولدۇرىدۇ. يەنى قەلئەنىڭ ئاستىغا غايەت زور بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قەلئەنى پارتلىتىپ يوق قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال دۇنيادا تاكى شۇ كەمگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ 1090-يىلى ھەسەن سابباھنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئالامۇت قەلئەسى 166 يىلدىن كېيىن 1256-يىلى موڭغۇل ھۆكۈمدارى ھىلاكۇخان تەرىپىدىن يوق قىلىنىدۇ.

ئالامۇت قەلئەسى تۈزلىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ ھەسەن سابباھ  بەرپا قىلغان ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ باتىنىي پىرقىسى يەنىلا مەخپىي ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھازىر بۇلارنىڭ داۋامى تەشكىلات قۇرۇپ، مەخپىي قەستلەش بىلەن شۇغۇللانمىغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، مەركىزى تاجىكىستاننىڭ بىر تاغلىق رايونىدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ رەھبىرى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان ھەسەن سابباھنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىدىن بولغان تۆتىنچى ئاغاخان بولۇپ، ھازىرمۇ ھايات ئىكەن.

 

بۇ خەۋەر 171 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق