چاقماق خەەر

ئسىتانبۇلدا "باشقىچە تاللانغان ئىقتىسادتا يېڭى ئۇپۇقلار" تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى

ئسىتانبۇلدا "باشقىچە تاللانغان ئىقتىسادتا يېڭى ئۇپۇقلار" تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى
9 - سىنتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىقتىساد ئىشخانىسى ھەمكارلىقىدا "باشقىچە تاللانغان ئىقتىسادتا يېڭى ئۇپۇقلار" تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى.
يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەسىدىن ئىقتىسادشۇناسلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىن كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرىزدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان سۆز قىلىپ، ھازىرقى ئەنئەنىۋى بانكىچىلىق ۋە پۇل - مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ ئۆسۈم ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تۈركىيەدە ئۆسۈمسىز بولغان ئىقتىساد سېستىمىسىدا تېخىمۇ جەسۇر ئىجرائاتلار ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە قارشى چىقىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەن بولۇشىنىڭ سىرتىدا، بۇ سېستىمىنىڭ ئىنسانى يۈكىنىڭمۇ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ سەۋەبتىن كەلگۈسىدە ئۆسۈمگە تايانغان سېستىملار ئۆز ئورنىنى ئورتاق ھەمكارلىق بولغان يېڭى ئىقتىساد سېستىمىسىغا بوشىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پىلانىنىڭ ئىستانبۇلنى خەلقئارالىق ئىقتىساد مەركىزى ھالىغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامى ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيولمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يىغىندىن كېيىن رەئىس ئەردوغان بىلەن قىسقا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 640 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2019 17:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق