چاقماق خەۋەر

ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىدە تۈركىيە

ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىدە تۈركىيە

شافاك كاراتاش

(تەرجىمە ئەسەر) 

 

2019.07.09

كۈندىلىك ھاياتىمىزدىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ بەزى ۋەقەلەرنى سىرتتىن كۆزىتىپ چۈشىنىشى قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدەك تەتقىقاتچىلار سىلەرگە بۇ ۋەقەلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

ئالدىمىزدىكى يىللاردا دۇنيادا يا كېلىشىمنامىلەر تۈزۈلىدۇ ياكى بولمىسا ناھايىتى چوڭ ئۇرۇشلار يۈز بېرىدۇ. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار خېلى بۇرۇنلا باشلاندى. بىز سودا ئۇرۇشىغا گۇۋاھ بولدۇق. خۇاۋېي ۋەقەسى، بوئېن ۋەقەسى، سودا پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ھەرىكىتى ۋە تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەتلەرگە قارشى قايتا-قايتا بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكەتلىرىگە گۇۋاھ بولدۇق ۋە بولۇۋاتىمىز.

ھازىر ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى 325 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ھەقىقىي ئامېرىكىلىق يوق. ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى كۆپلىگەن مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 50 مىليون نوپۇسقا ئىگە گېرمان مىللىتى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر گېرمانىيەنىڭ نوپۇسى 80 مىليون بولۇپ، پەقەت ئامېرىكىدىلا 50 مىليون گېرمان ياشىماقتا. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپمۇ گېرمان مىللىتىدىن. بۇلاردىن باشقا 40 مىليون ئىرلاندىيەلىك، 30 مىليون ئىنگلىز، 26 مىليون مېكسىكىلىق، 25 مىليون شوتلاندىيەلىك، 18 مىليون ئىتالىيەلىك، 10 مىليون فىرانسۇز ۋە ئۈچ مىليون يەھۇدىي بار. ئەمما يەھۇدىيلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ئورنى باشقىچە. يەنە ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ %30نى قارا تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. يەنى ئامېرىكا كۆپلىگەن مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بىر لاگېردۇر.

ئامېرىكا بۇنىڭدەك ئارىلىشىپ كەتكەن مىللەتلەرنى بىرلىكتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بىرىنچىدىن ئىقتىسادقا تايىنىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا ئۇلۇس پەيدا قىلىش ئۈچۈن بىر دۈشمەن يارىتىشتىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى ئىچكى جەھەتتە قارا تەنلىكلەر بولۇپ، سىرتتىن بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسلام ۋە خىتاي كەلدى. ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن كېتىدىغان ئىقتىسادنى ئىسلام دۇنياسىنى ئېزىش ئارقىلىق تاپىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتە بولغان ئۇرۇشلاردا كىمنىڭ پايدا ئالغانلىقىغا قارىسىڭىز، مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى ياخشى چۈشىنەلەيسىز. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىسلام دۇنياسىنى قارىلاپ، بۇ زېمىنغا ئۇرۇش قوزغاپ، نېفىتىنى ئۆز تىزگىنىگە ئالدى. يەھۇدىيلار بولسا ئامېرىكىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مەركىزىي بانكا، كىنوچىلىق ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يەھۇدىيلار بار.

مەن بۇرۇنمۇ سىلەر ئۈچۈن يازغان ئىدىم. كېيىنكى يىللاردا ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىدا بىرئاز ئۆزگىرىش بولدى. روسچىلد (Rothschild) جەمەتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. روسچىلد جەمەتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ، بارلىق ئىقتىسادىنى خىتايغا يۆتكىدى. خىتاي بولسا بۇ جەمەت بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشتىن بۇرۇن دۇنياغا ئىشىكىنى تاقىۋالغان بىر دۆلەت ھالىتىدە ئىدى. خىتاي نۇرغۇن مەبلەغكە ئېرىشكەندىن كېيىن مانا ئەمدى ئامېرىكىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىر كۈچكە ئايلاندى.

بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى. تارىخقا ئازراق قارايدىغان بولساق، سومالىلىق دېڭىز قاراقچىلىرى بىرنەچچە يىل بۇرۇن دېڭىزدىن ئۆتۈۋاتقان سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلاتتى. ئەنە شۇنداق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پاراخوتلارنىڭ %80ى خىتاي پاراخوتلىرى ئىدى. ئۇلارنى ئامېرىكا قوللاپ، خېلى بۇرۇندىن باشلاپلا خىتاينىڭ سودا پاراخوتلىرىنى تىزگىنلىمەكچى بولغان. قارايدىغان بولساق، بۈگۈن بولۇۋاتقان ئەھۋاللار ئېنىق تۇرۇپتۇ.

خىتاي يىپەك يولى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنلا ئامېرىكا بۇنىڭغا بىنائەن ئافغانىستانغا قارشى ئۇرۇش باشلىدى. چۈنكى ئافغانىستان يىپەك يولى پىلانىدىكى تۇنجى قەدەم ئىدى. نىشان بولسا ئاتاقتا تالىبان ئىدى. ئامېرىكا بۇ باھانە بىلەن ئافغانىستانغا ئورۇنلاشتى. خىتاي كېيىن ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى ئىراق بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، سادام ھۈسەيىن بىلەن يىپەك يولى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقاندا، ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلدى.

ئىران بۇرۇندىن تارتىپلا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ كەلدى. شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. خىتاينىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجى بار. ئامېرىكا بولسا خىتاينى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزمەكتە. ئۇندىن باشقا ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا.

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىغا ئەسلا قاراپ تۇرمايدۇ. ئەسلەپ ئۆتەيلى، خىتاي بىلەن ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش توختىمى تۈزدۇق. بۇ توختام خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولغاچقا، تۈركىيە نېمە دېسە، تەلىپىنى قاندۇرغان ئىدى. چۈنكى خىتاي رايوننىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلىتى بولغان تۈركىيەنى ئۆز يېنىغا تارتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. كېيىن نېمە بولدى؟ كوبانى ۋەقەسى چىقتى. قانچە ئادەم ئۆلدى؟ ئەسلىيەلەيدىغىنىڭلار باردۇ. كېيىن نېمە بولدى؟ توختام ئەمەلدىن قالدى.

بىز بۇلارنىڭ بەدىلىنى ھەم ي پ گ، ھەم 15 ئىيۇل سىياسى ئۆزگىرىشى بىلەن تۆلىدۇق. مىسىرمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ھۆكۈمەتلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. بولۇپمۇ ئارامكو (aramco) شىركىتى مۇھىم شىركەت بولغاچقا، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بەكمۇ ئەھمىيەت بەردى. ئەمما بۇ شىركەت خىتاي ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايمۇ ئامېرىكا بىلەن بەسلىشىشتىن ۋاز كەچمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن ۋاز كەچمىدى. شاھزادە سالماننىڭ روسچىلد جەمەتى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن ئىدى. شۇڭا ئىستانبۇل ئەلچىخانىسىدىكى جامال قاشىقچىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى سالماننىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويماقچى بولدى. مەقسەت سالماننى ئامېرىكىنىڭ سىزغان سىزىقىغا كىرگۈزۈش ئىدى.

سودا ئۇرۇشى باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكا خىتاينى 400 مىليارد دوللار زىيان تارتقۇزدى. خۇاۋېي خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم شىركىتى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خۇاۋېينىڭ قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بوئېن ئۇرۇشى بىلەن 50 دۆلەت ئامېرىكىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. پومپېئو بۇ ئەھۋالنى ھەتتا تىۋىتتېردا ھەمبەھرىلەپ، ئۆزىگە قارشى دۆلەتلەرگە ئىشارەت قىلدى. بوئېن شىركىتى بۇ ئۇرۇش سەۋەبلىك تىرىليون دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا بوئېن ۋەقەسىنى يېڭى زېللاندىيە ئارقىلىق تۈركىيە ۋە خىتايغا ئېنىق ئۇچۇر يولى بىلەن بىلدۈردى. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا خىتاينىڭ باسقان ھەربىر قەدىمىگە قارشى كېچىكمەستىن ئېنىق جاۋاپ قايتۇرۇپ كەلدى.

دۇنيا5G  ئالاقە-ئۇچۇر دەۋرىگە ئۆتكەندە (ئامېرىكىنىڭ) خىتايغا ئۇرۇش ئېچىشى ئەسلىدە (خىتاينىڭ) جاسۇسلۇق تورىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئىدى. (ئامېرىكىنىڭ) خىتايغا ئۇرۇش ئېچىشى ئەسلىدە يېڭى زېللاندىيەنىڭ خىتايغا مايىل بولۇشىغا قارشى خىتايغا قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.

 

يېڭى زېللاندىيە بۇ ۋەقەلەردىن ياخشى ساۋاق ئالدى

 

ئاساسلىق ئۇچۇر بىزگە كەلگەن بولدى. ئامېرىكا تۈركىيەگە رەسمىي ئۇرۇش ئاچىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بىزگە يېڭى زېللاندىيە ئارقىلىق يەتكۈزگەن بولدى.

15-ئىيۇل ۋەقەسى ئەسلىدە سىياسىي ئۆزگىرىش ئەمەس! ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ (تۈركىيەنى) ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدۇر. ئەگەر 15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى غەلىبە قىلغان بولسا ئىدى، غەرب دۆلەتلىرى بۈگۈن سۇرىيەدە بولغىنىغا ئوخشاش تۈركىيەدە بولغان بولاتتى.

كېيىنكى يىللاردىكى غەربنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قاراڭ. ئۇلارنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تۈركىيەنى قارىلىغان خەۋەرلەر بىلەن توشۇپ كەتتى. ئۇلار ئەردوغانغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلار بىلەن كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى زەھەرلىمەكتە. بىر ۋاقىتلاردا گېرمانىيەدىكى ژۇرناللاردا يېزىلغان ماقالىلەر كۆپىنچە «دېكتاتور ئەردوغان» دېگەن ماۋزۇلار بىلەن يېزىلدى. ئۇنى بىزگە  «دائىشنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى» قىلىپ كۆرسەتتى. يەنى (ئەردوغانغا قارشى) بىزنىڭ كاللىمىزنى زەھەرلەشكە ئۇرۇندى.

ئۇلارنىڭ مەقسىتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننى ھوقۇقىدىن قالدۇرۇپ، بىر بېقىندى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئىدى. ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار 2-پىلانىغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى تۈركىيەنى كۈشكۈرتۈپ، باشقا يوللاردىن ئايلاندۇرۇپ ئەكېلىپ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش ئىدى. سىزچە گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي  ئوتتۇرا دېڭىزدا قوپاللىق بىلەن تۈركىيەنىڭ زىيىنىغا ھەرىكەت قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇلار ھەتتا بىزنىڭ ئالدىمىزغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO)دىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسىدەك بىر مەسىلىنى تاشلاپ، بىزنىڭ كاللىمىزنى ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتى. بىزنى ھەممە تەرەپتىن كۈشكۈرتۈپ ئەقىلسىزلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىشتى. ئەمما تۈركىيە تارىخىدىن ئالغان كۈچ بىلەن توغرا يولدا ئىلگىرىلىمەكتە. تۈركىيە بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەمدە تېخىمۇ كۈچلىنىش ئۈچۈن نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رۈسىيەنىڭ S400 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋېلىش نىيىتىگە كەلدى.

مەن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللىنىدىغانلىقىنى يازدىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەت ئەخلاقىغا توغرا كەلمەيدىغان مۇئامىلىلىرى خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ يوللىرىنى ئايرىۋېتىدۇ. ئامېرىكا مۇشۇنداق بىر پىلان تۈزمەكتە. ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، خىتاي بۇ رايوندا تۈركىيەدەك ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. يىپەك يولى پىلانى ئايىغى چىقماس خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى باھانە قىلىپ ئۇرۇش قوزغايدۇ.

تۈركىيە يىپەك يولى پىلانىدا خىتاينىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ھالدا بىلدۈردى. بوئېن ۋەقەسىدىمۇ، باشقا پىلانلاردىمۇ مەيدانىنى بىلدۈردى. 3-ئايرودروم، ياۋۇز سۇلتان سېلىم كۆۋرۈكى، ئوسمان غازى كۆۋرۈكى، ياۋرو-ئاسىيا تونېلى، چاناق قەلئە كۆۋرۈكى، ئەزەربەيجان تۆمۈر يولى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يىپەك يولى پىلانى ئۈچۈن پىلانلانغان. چۈنكى پۇلنىڭ ئېقىشى بۇلار ئارقىلىق بولىدۇ. ھەتتا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تىۋىتتېردا ياۋۇز سۇلتان سېلىم كۆۋرۈكىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، تۈركىيەگە بىكاردىن بىكارغىلا ئۇچۇر يوللىمىغان بولۇشى مۇمكىن.

يىپەك يولى پىلانى ئۈچۈن ئوتتۇرا دېڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇش شەرت ئىدى. بۇ پىلان ئۈچۈن سۇرىيەنى تۇتۇپ تۇرۇشمۇ شەرت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە سۇرىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. تۈركىيە بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن سۇرىيەدىن چىقمايۋاتىدۇ. سۇرىيەدە پائالىيەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ يىپەك يولى پىلانى ئۈچۈن. تۈركىيەنىڭ سۇرىيەلىكلەرنى ئۆز زېمىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشىمۇ سۇرىيەدىكى ئۆزى ئىگىلەپ تۇرغان رايونىدا ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. تۈركىيە سۇرىيەدە پۇت دەسسەپ تۇرۇۋاتقان رايونلاردا كونتروللۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى سۇرىيەلىكلەرنى بۇ رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرماقچى. تۈركىيەنىڭ خاتايدىكىگە ئوخشاش ھەلەپ ئۈستىدىمۇ مۇشۇنداق بىر تەييارلىق باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمەن. بەلكىم قىلىنغان خىياللار رېئاللىققا ئايلىنار. ئەمما بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى قۇراشتۇرما ئويۇنچۇقنى قۇراشتۇرغاندەك بىر يەرگە ئەكەلسىڭىز، نەگە بېرىپ، نەدە توختايدىغانلىقىڭىزنى كۆرەلەيسىز.

ئەسلەپ بېقىڭ، ئۆتكەندە رەجەپ تاييىب ئەردوغان مىساقىي مىللىي چېگراسى (مىساقىي مىللىي چېگراسى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ 1920-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخىرقى قېتىملىق مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قوبۇل قىلىنغان ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئالتە ماددىلىق قارار بولۇپ، ئەردوغان بۇ سۆزنى دەسلەپ 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى قىلغان سۆزىدە تىلغا ئالغان - ت) توغرۇلۇق سۆز قىلدى. ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۇچۇردۇر.

ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشلىرى توختىتىلمىسا، خەلقئارالىق ئۇرۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار. تۈركىيەنى بۇ ئۇرۇش مەيدانىغا گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي سىپرۇس ھۆكۈمەتلىرى سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ھازىر يىمىرىلىش باسقۇچىغا كىردى. بەش بۇرجەكلىك بىنا بۇنى بىلىپ يەتكەچكە، ئوينايدىغان ئويۇنلىرىنى تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئويناشقا باشلىدى.

ئامېرىكا مىسىرغا بىۋاستە قورال-ياراغ ئەۋەتىش ئارقىلىق مىسىرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ي پ گ غا ئون مىڭلىغان ماشىنىلاردا قورال ئەۋەتتى؟ بۇ قوراللار نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش رايونىغا (سۇرىيەگە) كىرگۈزۈلدى؟ گىرېتسىيەگە قىلىنغان قورال-ياراغ ياردەملىرىگە نېمە دەيسىز؟

غەرب دۆلەتلىرى داۋاملىق كوزۇر ئىشلىتىدۇ. سىسى بولسا بۇلارنىڭ بىر مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋاقتى كەلگەندە غەرب دۆلەتلىرى سىسىنىمۇ بىزگە قارشى ئىشلىتىدۇ.

بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگە قاراپ باقايلى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرىمىز. پەقەت بىردىنبىر پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقان دۆلەت تۈركىيەدۇر. يىللاردىن بۇيان بىزنى تارىخىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولغانلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزگە كۈچىمىزنىمۇ ئۇنتۇلدۇرماقچى بولۇشتى. ھالبۇكى، تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئىچىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپلىگەن جايلاردا ۋە كافكاز، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا بار. ئەگەر تۈركىيە ئىستىراتېگىيە بەلگىلەشتە بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتسا، تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىقتۇر.

 

 

http://www.starkibris.net/index.asp?haberID=278204

بۇ خەۋەر 1369 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق