چاقماق خەۋەر

ئۈستى ئوچۇق تۈرمە شەرقىي تۈركىستان (2)

ئۈستى ئوچۇق تۈرمە شەرقىي تۈركىستان

(2)

پىروفېسسور دوكتور سالىھ ئاينۇرال

(تەرجىمە ئەسەر)

 

 

 

 داۋامى

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنىگە كۆپەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى قايتىدىن كېڭەيتىپ سېلىنماقتا. ئاۋسترالىيە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشىگە قارىغاندا، 2016-يىلى سېلىنغان 28 جازا لاگېرى كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئەسلىدىكىدىن بەش ھەسسە كېڭەيتىلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، 2018-يىلى 12-ئايدا 1.1 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ سان خىتاينى تەتقىق قىلىش بىلەن نامى چىققان تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz)نىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە 1.5 مىليونغا كۆپەيگەن. ئەپسۇسكى، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئائىلىسىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىرەر كىشى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنمىغان بىرمۇ ئائىلە يوق. جازا لاگېرلىرىدىكى كىشىلەر شۇنچىلىك كۆپىيىپ كەتكەنكى، كىشىلەر ياتىدىغانغا يەر تاپالماي قالماقتا، ياتاقلىرىنى نۆۋەتلىشىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يەنە باشقا ئادەم ئېلىپ كەلمەڭلار، دەپ يالۋۇرماقتا. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بولسا ساقچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئادەم تۇتۇپ، جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىشنى تەشۋىق قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشلار داۋاملىق ئېغىرلىشىپ بارماقتا.

جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى، قاچانغىچە بۇ جازا  لاگېرلىرىدا ياتىدىغانلىقىنى ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كەلمەيدىغان ناچار مۇھىت ۋە قىيىن-قىستاقلار، كەمسىتىش ۋە تىل-ھاقارەتلەر، ھامىلدار، يېڭىدىن تۇغۇتتىن قوپقان ئاياللارنىڭ، مېيىپلارنىڭ ۋە قېرى، ئاجىز كىشىلەرنىڭمۇ جازا لاگېرلىرىدا بىكاردىن بىكارغىلا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئىنسان چىداپ بولالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. بىر مەزگىل جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققاندىن كېيىن، يول تېپىپ چەتئەلگە قېچىپ چىققانلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇيغۇرلار كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسىنى، خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، ھەر كۈنى ئەتىگىنى خىتاينىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇشقا، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا. بەزى لاگېرلاردا بولسا تاماقتىن بۇرۇن «بىسمىللاھ» دېيىشنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇزۇن ۋاقىت جازا لاگېرىدا يېتىپ چىققان ئۆمەر بېكالى جازا لاگېرلىرىدا ياتقان ۋاقتىدا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇبارەك بىر كۈن ھېسابلىنىدىغان جۈمە كۈنلىرىدە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتايچە ئەڭ ئاز دېگەندە مىڭ خەت ئۆگەنمىگەنلەر جازا لاگېرلىرىدىن چىقىرىلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا جازا لاگېرلىرىدا ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسەتلىرى بىرەر ۋەقەنىڭ چىقىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئائىلىلىرىگە يېرىم كېچىدە تاپشۇرۇلماقتا ۋە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆلگۈچىنىڭ مېيىتى يۇيۇلماي، نامىزىمۇ چۈشۈرۈلمىگەن ھالدا مەجبۇرىي كۆمۈلمەكتە. ئۇيغۇرلار شۇ دەرىجىدە قاتتىق بېسىم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولغانكى، ئەگەر بىرەرسى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان جازا لاگېرلىرىدا قاماقلىق تۇغقانلىرىنى سورىسا، «ئۇلار تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، مەكتەپكە كەتتى» دەپ جاۋاب بەرمەكتە. چۈنكى ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلىگەن ھامان دەرھال تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى گويا قورقۇنۇچلۇق چۈشكە ئايلانغان. خوتەن ۋىلايىتىدە «ئەگەر لوپتىكى جازا لاگېرلىرىغا سولانساڭ مەڭگۈ چىقالمايسەن» دېگەن گەپ تارقالغان. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، جازا لاگېرلىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن گويا ئىنساننىڭ پىسخولوگىيەسىنى بۇزىدىغان روھىي كېسەللىكلەر مەركىزىگە ئايلانغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم شۇنچىلىك كۈچەيگەنكى، ھەتتا بەزى خىتايلارمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىشلەتكەن بۇ دەھشەتلىك بېسىمغا چىدىماي، خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلغان. خىتاي بولسا ئۇلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاشلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىمۇ قوشۇپ جازا لاگېرلىرىغا سولىغان. ئۇزۇن يىل تۈرمىلەردە يېتىپ، ۋاقتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارمۇ يەنە «سىياسى تەربىيە ئالىدۇ» دەپ جازا لاگېرلىرىغا قامالماقتا.

خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەمما لاگېردىكى كىشىلەر بۇ ھوقۇقىدىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئائىلىسى بىلەن ھەپتىدە بىر كۈن تېلېفوندا قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئازراقلا كۆرۈشەلەيدۇ. تېلېفوندا كۆرۈشۈش جەريانى تامامەن نازارەت ئاستىدا بولغاندىن سىرت، دېيىلگەن گەپ-سۆزلەر كۆچۈرۈلۈپ ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار لاگېر ساقچىلىرىنىڭ ياكى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، ئۇلارنى رازى قىلالىسا، ئۆيىگە بېرىپ كېلىشى ئۈچۈن بىر نەچچە كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلىدۇ. لاگېردىكىلەرنىڭ ئۆزئارا پاراڭلىشىشى چەكلەنگەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرلىرىنى داۋاملىق «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنسىمۇ، ھەقىقىي ئەھۋال تامامەن باشقىچە. بۇ جازا لاگېرلىرىغا سىرتتىن قاراشلا يېتەرلىك بولۇپ، ئېگىز تاملار، كۆزىتىش مۇنارلىرى ۋە تىكەنلىك سىملار ئورنىتىلغان. يەنى تۈرمىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى بىر قېتىملىق باياناتىدا: «لاگېرلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلارنى نورمال ئىنسانغا ئايلاندۇرۇش خىزمەتلىرى ئىشلىنىدۇ» دېگەن. يەنە بىر خىتاي ئەمەلدارى: «ئىسلام دىنى ئىدېئولوگىيەلىك بىر كېسەللىكتۇر. بۇ لاگېرلار بولسا بۇ كېسەللىكنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىدۇر» دەپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن. ۋەھىمىلىك بولغان يەنە بىر ھەقىقەت بولسا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىنتايىن خەتەرلىك، ساقايماس راك كېسىلىگە ئوخشاتماقتا. خىتاي دائىرىلىرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا يوللاپ بەرگەن ۋاقتىدا، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى قانداق تۆلەيدىغانلىقى، بالىلىرىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى كىمنىڭ باقىدىغانلىقى، شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ شىركىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى، دۇكان ئېچىۋاتقان ھۈنەرۋەن، تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەرنى خۇپسەنلىك قىلىپ بىلمەس بولۇۋالماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ لاگېرلار بولسا خىتاينىڭ ئۆزلىرى چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئىنچىكىلىك بىلەن پىلان تۈزۈپ، ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان، شەرت-شارائىتلىرى ۋاقىتلىق ياخشىلاپ قويۇلغان لاگېرلاردۇر. خىتاي لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرگە چەتئەللىك مۇخبىر ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا بېرىدىغان جاۋابلىرىنى بىرمۇ بىر يادلاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىگە زىيانلىق بىرەر ئېغىز گەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇنداق رەزىل، قىزىل كۆز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بەزى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىپ قالماقتا. ئەجەبلىنەرلىك بولغىنى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تەربىيەلەش مەركىزى» دېيىلىۋاتقان لاگېرلارغا ئوقۇتقۇچىلار، ئاكادېمىكلار، سەنئەتچىلەر، ھەتتا چەتئەلدە يۇقىرى سەۋىيەدە ئوقۇپ كەلگەن بىلىم ئىگىلىرىمۇ سولانماقتا. يىغىپ ئېيتقاندا خىتاي دائىرىلىرى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىۋالغان لاگېرلارنىڭ تۈرمىلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق. كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت مەركەزلىرى بولغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى. ئەپسۇسكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ئاۋازىنى چىقارمىدى. تۈركىيە بولسا خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سۈكۈتتە تۈرغاندىن كېيىن، ئاخىرى دېپلوماتىك تىل بىلەن يېرىم يۇمىلاق قىلىپ، «دېيىلىۋاتقان بۇ لاگېرلارنىڭ دەرھال تاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن ئادەتتىكى بىر سۆزىمۇ دۇنيادا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيەنىڭ بۇ سۆزىنىڭ باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن مۇخبىر ۋە دېپلوماتلارنى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئەسلىدە جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئەمما ئەمەلىي ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەر لاگېردىن خىتايغا دۈشمەن بولۇپ چىقىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي پۇقرالىرى بىر-بىرى بىلەن ئايرىلىپ ياشايدىغان ئەھۋال تېزلىشىشكە باشلىدى. خىتاي بۇ قىلمىشى ئارقىلىق خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئۆز قولى بىلەن دۈشمەنلىك ئۇرۇقى چاچماقتا.

 

دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى

خىتاي 1980-يىللاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا خېلى ياخشى سىياسەت قوللىنىشقا باشلىدى. ئۇلارغا قارىتا قىسمەن بولسىمۇ ئىقتىساد، نورمال ياشاش ۋە مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق بەزى ھەق-ھوقۇقلىرىنى بەرگەن بولدى. ئەمما 1990-يىللىرىدىن كېيىن ئاز بولسىمۇ ئىجرا قىلغان كەڭرى سىياسەتلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، قاتمۇ قات چەكلىمىلەر بىلەن تولغان ئىنتايىن قاتتىق سىياسەت ئىجرا قىلىشقا ئۆتتى.

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكنى يوقىتىپ، كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلىتىش ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. خىتاي بۇ خىل سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ مۇھىم سەۋەبنى ياراتتى. بۇلار: رادىكال ئىسلام، بۆلگۈنچىلىك ۋە خەلقئارالىق تېررورلۇق. بولۇپمۇ ئامېرىكىدا 9-ئاينىڭ 11-كۈنى يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەسى خىتاي ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بولۇپ بەردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خېلى كۆپ تەشكىلاتلار خىتاي تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا چېكىدىن ئېشىپ، تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىشكە باشلىدى. ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئەسەبىيلەرچە يۈرگۈزگەن قانلىق سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى خىتاينى تېخىمۇ يۈرەكلىك قىلدى. خىتاي زۇلۇم قىلىشنى كۈچەيتكەنسېرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا بولغان قارشىلىقمۇ تەڭ كۈچىيىپ باردى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قارشىلىقلارنى دۇنياغا «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ بازارغا سالماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ قورققان تەرىپى بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە تىلى، يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى رادىكال ئىسلام دەپ باھانە قىلىپ، بېسىم ئىشلىتىپ، كىشىلەرنى ئىسلام دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش، ياغلىق چىگىش، ئۇزۇن ساقال قويۇش، ھاراق ئىچمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار «رادىكال دىنچىلىق» دەپ ئاتالماقتا. خىتاي دائىرىلىرى: «ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىدىن ئۇزاقلاشتۇرالىساق، مىللىي سالاھىيىتىدىن ئاسانلا ۋاز كەچتۈرەلەيمىز. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى تېزلىكتە ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەپ قارىماقتا. خىتاي كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى... قاتارلىقلارنى «روزى تۇتۇش خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن روزى تۇتۇشتىن چەكلىگەن. كېيىنكى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرسى روزا تۇتۇش بولغان. قېرىپ قالغان مويسىپىت كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، قۇرئان ئوقۇشى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ناماز ئوقۇغان، قۇرئان ئوقۇغان ياكى ئۆگەتكەن كىشىلەر ئالدى بىلەن ئېنىقلانماقتا ۋە ئەڭ باشتا تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا سولانماقتا.

مەسچىتلەر ۋە مەدرىسىلەر ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا چېقىۋېتىلمەكتە ھەم تاقىۋېتىلمەكتە. ئىسلام دىنىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەردە ھەتتا بەزى تارىخىي مەسچىتلەرمۇ چېقىۋېتىلمەكتە. مەسىلەن: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى تەخمىنەن 1237-يىلى سېلىنغان 800 يىللىق تارىخى ھېيتگاھ جامەسىمۇ چېقىۋېتىلگەن. چېقىلماي قالغان مەسچىتلەرگە كېيىنكى يىللاردا كىشىلەر ئاياغ باسماس بولغان. چۈنكى كىشىلەر خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ مەسچىتلەرگە بارالماي، نامازلىرىنى ئۆيلىرىدە مەخپىي ئادا قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارنىڭ دىنىي تەربىيە ئېلىشى، دىنىي سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشى، مەسچىتكە بېرىشى قاتارلىقلار تامامەن چەكلەنگەن. دىنىي سۆھبەتلەرگە قاتنىشىش ئوت بىلەن ئويناشقانغا ئوخشاش، دەپ تەسۋىرلەنگەن. بالىلارنى نامازدىن، مەسچىتتىن ۋە دىنىي سۆھبەتلەردىن يىراق تۇتۇپ، ئاتېئىست (دىنسىز) قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ بەرگەن.

ئۇيغۇر ۋە ئىسلامىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدە، تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە قالغان بالىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىلمەستىن، يېتىم-يېسىرلارنى تەربىيەلەش مەركەزلىرى ياكى بالىلار تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. بالىلار بۇ جايلاردا مىللىي مەدەنىيىتىدىن، دىنىي قىممەت قاراشلىرىدىن ئايرىلغان ھالدا خىتاي تەربىيەسى بىلەن تەربىيەلىنىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يېتىم-يېسىرلارنى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ سانى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ پەقەت قەشقەرنىڭ بىر رايونىغىلا يېڭىدىن 18 يېتىم-يېسىرلارنى تەربىيەلەش مەركىزى سېلىنغان.

كىشىلەر ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا ھەجگە بارالمايدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ، بوينىغا ئېلېكترونلۇق بويۇنتۇرۇق تاقاشقا ماقۇل بولۇپ، ھەج قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە. ياشانغان ئاياللاردىن باشقا بارلىق ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كىيىم كىيىشى چەكلەنگەن. 45 ياشتىن تۆۋەن ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىشى چەكلەنگەنلەردىن بىرسىدۇر. ئۇزۇن ساقال قويۇش مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام دىنىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق تۈردىكى بىرەر بەلگىدەك نەرسىنى ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش چەكلەنگەن. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا ئالاقىدار بىرەر بەلگە ساقلىشى، ئېلىپ يۈرۈۈشى، «قازاقىستان» دەپ خەت يېزىلغان كىيىم كىيىشىمۇ چەكلەنگەن. رېستورانلارغا «ھاراق، تاماكا چەكلەنگەن» دەپ خەت يېزىلغان تاختا ئېسىشمۇ چەكلەنگەن. خىتاي دائىرىلىرى ھالال مەھسۇلاتلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. مەھسۇلاتلارغا «ھالال» دەپ خەت يېزىلىشى ۋە سېتىلىشىغا چەكلىمىلەر قويۇلماقتا. بالىلارغا ئىسلامىي ئىسىم قويۇش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئۇيغۇن توي قىلىش، ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن جىنازا نامىزى ئوقۇش قاتارلىقلارمۇ چەكلەنگەن.

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرس بېرىدىغان مەكتەپلەر ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تاقىۋېتىلمەكتە. شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن خىتاي تىلىدا ئىمتىھان ئېلىنماقتا. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر ئىشتىن ھەيدەلمەكتە. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا، جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش ئاساسەن چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق خىتايچە سۆزلىشىشكە مەجبۇرلانماقتا.

ئۇيغۇرلار كېيىنكى يىللاردا ئۆز ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن، خىتاي زېمىنىدا بولسۇن ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىماقتا. مۇتلەق كۆپ ساندىكى مېھمانخانىلار «ياتاق يوق» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ياتاققا قوبۇل قىلمايدۇ. ئايروپىلان ۋە پويىز بېلەتلىرىنى ئېلىشتا ئادەمنى بىزار قىلىۋېتىدىغان قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولماقتا. خىتاينىڭ «قوشماق تۇغقان بولۇش»، «كىشىلەرگە پايدىلىق بولۇش» ۋە «كىشىلەرنىڭ قەلبىنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش» قاتارلىق شوئار ئاستىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىشقا مەجبۇرلىغان. بۇ مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن كەلگەن خىتايلار بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا سوۋغا بېرىپ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئۆسمۈرلەرگە خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مېڭە يۇيۇش پائالىيەتلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرغان. ئەمما بۇ خىتايلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي سەزگۈرلۈكىنىڭ ئاجىز ياكى كۈچلۈكلۈكىنى ئېنىقلاپ ئارخىپلاشتۇرۇشتۇر. خىتاي دائىرىلىرى مانا بۇ خىتايلارنىڭ ھەربىر ئۇيغۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۈستىدىن تۇرغۇزغان ئارخىپلىرىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا سولىماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى مىللىي كىملىكىدىن ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بولسا خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا توي قىلىشىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىدۇر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا توي قىلىشىنى ئالاھىدە قوللىماقتا. بۇ خىل توي قىلغۇچىلارغا خىتاي دائىرىلىرى پۇل، ھەقسىز داۋالىنىش ۋە ھەقسىز ئوقۇ-ئوقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ياردەم قىلماقتا. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن بېسىمغا ئۇچرىماقتا. گەرچە ئۇيغۇر قىزلىرى شۇنچە تەشۋىق قىلىشلار، قاتتىق بېسىم، مەجبۇرلاشلارغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئۇلار تاكى يارىتىلىشىدىن باشلاپلا خىتايلار بىلەن توي قىلىشنى رەت قىلماقتا.

چەت جايلاردا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ياشايدىغان يېزىلار بەرپا قىلىنماقتا. خىتايلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ تېزلىكتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا. خىتاينىڭ رەسمىي خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2018-يىلىنىڭ تۇنجى ئۈچ ئېيى ئىچىدە چەت يېزا-قىشلاقلاردا ياشايدىغان 461 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق «يوقسۇزلۇقنى تۈگىتىش پىلانى»نامىدا باشقا رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ بارلىق بېسىم، چەكلەش، زۇلۇملىرىغا قارشى چىقىپ، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان زىيالى، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا. بۇلاردىن بىرسى بىر-بىرىدىن گۈزەل ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان ۋە تۈركىيەدىمۇ مەشھۇر بولغان ئابدۇرېھىم ھېيتتۇر. ئابدۇرېھىم ھېيت ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە بىكاردىن بىكارغىلا زۇلۇم كۆرمەكتە. ئۇنىڭ بىردىنبىر گۇناھى مىللىي مەدەنىيىتىگە ئىگە چىققانلىقىدۇر. يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئادالەتسىزلىكىنى تەنقىد قىلغان ۋە بۇ ئادالەتسىزلىك، قانۇنسىزلىقلىرىنى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئېيتقان پىروفېسور ئىلھام توختىمۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

 خۇلاسە

1991-يىلى غەربىي تۈركىستاندىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ھەققىدە غەم-ئەندىشىگە گىرىپتار قىلغان. خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى بۈگۈنگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇم سېلىش، بېسىم ئىشلىتىش، جازالاش سىياسەتلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. خىتاينىڭ بۇ بېسىمى ۋە جازالاش سىياسىتى كېيىنكى يىللاردا چىداپ تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا رەسمىي ھالدا مىللىي ۋە دىنىي مەدەنىيەتنى تامامەن يوقىتىشنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈل-كېسىل خىتايلاشتۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغان. مىليونلىغان كىشىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئۇرۇپ، قىيناپ يۈرۈپ تەربىيلەپ، مېڭىسىنى يۇيۇشقا ئۇرۇنۇش، ئۇيغۇر تىلىنى، يېزىقىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىش، دىنىي ئىبادەتلەرنى چەكلەش، ئەركىنلىكلىرىنى چەكلەش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى گويا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار بۈگۈنگىچە كۆرۈلۈپ باققان ھادىسە ئەمەس. خىتاينىڭ بۇ دەرىجىدە چېكىدىن ئېشىپ غالجىرلىشىپ كېتىشىدە ئامېرىكا، ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، تېخىمۇ مۇھىمى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق قىلماسلىقى ياكى يېتەرلىك دەرىجىدە قارشى چىقمىغانلىقىنىڭ رولى چوڭدۇر. بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە قارشى قانلىق قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارشى يېتەرلىك نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا ئىدى، خىتاينىڭ بۇنچىلىك چېكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كېيىنكى يىگىرمە يىلدا داۋاملىق ئېشىپ بېرىشى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەربىي جەھەتتىنمۇ كۈچىيىشى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرسىدۇر. خىتاي بۈگۈنگىچە تاشقى سىياسەتلىرىنى ئىنتايىن ھىيلىگەرلىك بىلەن يۈرگۈزدى. ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلدى. مېنىڭ پەرىزىمچە، خىتاي ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن، ھەم ھەربىي جەھەتتىن دۇنيادىكى كۈچلۈك، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە كېلىۋالغاندىن كېيىن بۇ خىل پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئالدى بىلەن قوشنا دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىدۇ ۋە بۇ رايونلارغا كېڭىيىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تەھدىت بولىدۇ. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، دۇنيا ئەللىرى بۇ خەتەرنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىپ، چوقۇم كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئىش پۇرسىتىدىن، ۋاقتى سائىتىدىن كېتىپ قالغان بولىدۇ.

 

http://www.sinoturknews.org/

 

بۇ خەۋەر 286 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق